دۇنيادىكى نوپۇسى ئەڭ كۆپ 30 شەھەر

دۇنيا نوپۇسى يىلدىن-يىلغا كۆپىيىپ، 2024-يىل 2-ئايدا 8 مىليارد 93 مىليوندىن ئاشقان. نوپۇسنىڭ كۆپىيىش نىسبىتى ئاساسەن چوڭ شەھەرلەردە تېز بولغان. تۆۋەندە دۇنيادىكى نوپۇسى ئەڭ كۆپ بولغان چوڭ شەھەرلەرنى رەت تەرتىپى بويىچە دىققىتىڭلارغا سۇندۇق:

1. ياپونىيەنىڭ پايتەختى توكيو

نوپۇسى 38،505،000 (2021-يىلى)؛ يەر مەيدانى 219 كىۋادرات كىلومېتىر.

2. ھىندونېزىيەنىڭ پايتەختى جاكارتا

نوپۇسى 35،386،000؛ يەر مەيدانى 662 كىۋادرات كىلومېتىر.

3. ھىندىستاننىڭ دېھلى شەھىرى

نوپۇسى 31،190،000؛ يەر مەيدانى 1484 كىۋادرات كىلومېتىر.

4. خىتاينىڭ فۇشەن شەھىرى

27،119،000؛ يەر مەيدانى 7434 كىۋادرات كىلومېتىر.

5. ھىندىستاننىڭ بومباي شەھىرى

نوپۇسى 25،189،000؛ يەر مەيدانى 603 كىۋادرات كىلومېتىر.

6. فىلىپپىننىڭ پايتەختى مانىلا

نوپۇسى 24،156،000؛ يەر مەيدانى 42 كىۋادرات كىلومېتىر.

7. خىتاينىڭ شاڭخەي شەھىرى

24،237،800 (2018-يىلى)؛ 7037 كىۋادرات كىلومېتىر.

8. ئامېرىكىنىڭ نىيۇيورك شەھىرى

نوپۇسى 23.723.696 (2015-يىلى)؛ يەر مەيدانى 34490 كىۋادرات كىلومېتىر.

9. كورىيەنىڭ پايتەختى سېئۇل

نوپۇسى 23،225،000؛ يەر مەيدانى 605 كىۋادرات كىلومېتىر.

10. مىسىرنىڭ پايتەختى قاھىرە

نوپۇسى 22،679،000؛ يەر مەيدانى 453 كىۋادرات كىلومېتىر.

11. مېكسىكىنىڭ پايتەختى مېكسىكا شەھىرى

نوپۇسى 21،905،000؛ يەر مەيدانى 1485 كىۋادرات كىلومېتىر.

12. خىتاينىڭ پايتەختى بېيجىڭ

نوپۇسى 21،893،095 (2020-يىلى)؛ يەر مەيدانى 16405 كىۋادرات كىلومېتىر.

13. ھىندىستاننىڭ كالكۇتتا شەھىرى

نوپۇسى 21،747،000؛ يەر مەيدانى 205 كىۋادرات كىلومېتىر.

14. بىرازىلىيەنىڭ سانپاۋلو شەھىرى

نوپۇسى 21،486،000؛ يەر مەيدانى 1521 كىۋادرات كىلومېتىر.

15. پاكىستاننىڭ كاراچى شەھىرى

نوپۇسى 20،249،000؛ يەر مەيدانى 3527 كىۋادرات كىلومېتىر.

16. بېنگال (باڭلادىش)نىڭ پايتەختى داككا

نوپۇسى 19،134،000؛ يەر مەيدانى 304 كىۋادرات كىلومېتىر.

17. تايلاندنىڭ پايتەختى باڭكوك

نوپۇسى 18،884،000؛ يەر مەيدانى 1569 كىۋادرات كىلومېتىر.

18. رۇسىيەنىڭ پايتەختى موسكۋا

نوپۇسى 17،878،000؛ يەر مەيدانى 2561 كىۋادرات كىلومېتىر.

19. خىتاينىڭ شېنجېن شەھىرى

نوپۇسى 17،778،000؛ يەر مەيدانى 2050 كىۋادرات كىلومېتىر.

20. ئارگېنتىنانىڭ پايتەختى بوينىس ئايرىس

نوپۇسى 15،748،000؛ يەر مەيدانى 203 كىۋادرات كىلومېتىر.

21. تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھىرى

نوپۇسى 15،655،924 (2024-يىلى)؛ يەر مەيدانى 5461 كىۋادرات كىلومېتىر.

22. ئامېرىكىنىڭ لوس-ئانجىلىس شەھىرى

نوپۇسى 15،587،000؛ يەر مەيدانى 1302 كىۋادرات كىلومېتىر.

23. جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ جوھانىس بىرۇگ شەھىرى

نوپۇسى 15،551،000؛ يەر مەيدانى 4435 كىۋادرات كىلومېتىر.

24. ھىندىستاننىڭ بانگالور شەھىرى

نوپۇسى 15،257،000، يەر مەيدانى 741 كىۋادرات كىلومېتىر.

25. خىتاينىڭ چېڭدۇ شەھىرى

نوپۇسى 15،016،000؛ يەر مەيدانى 12163 كىۋادرات كىلومېتىر.

26. ۋىيېتنامنىڭ خۇجىمىن شەھىرى

نوپۇسى 14،953،000؛ يەر مەيدانى 2061 كىۋادرات كىلومېتىر.

27. كونگونىڭ پايتەختى كىنشاسا

نوپۇسى 14،950،000 (2021-يىلى)؛ يەر مەيدانى 9965 كىۋادرات كىلومېتىر.

28. ياپونىيەنىڭ ئوساكا شەھىرى

نوپۇسى 14،916،000؛ يەر مەيدانى 223 كىۋادرات كىلومېتىر.

29. نىگېرىيەنىڭ بۇرۇنقى پايتەختى لاگوس

نوپۇسى 14،540،000؛ يەر مەيدانى 999 كىۋادرات كىلومېتىر.

30. پاكىستاننىڭ لاھور شەھىرى

نوپۇسى 13،504،000؛ يەر مەيدانى 1772 كىۋادرات كىلومېتىر.

 

 

تەييارلىغۇچى: مۇھەممەت تۇرسۇن ئۇيغۇر

بۇ خەۋەر 2093 قېتىم كۆرۈلدى
01/03/2024 16:22:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق