ئامېرىكا-ياپونىيە خىتاي تەھدىتىگە قارشى مانېۋىر ئۆتكۈزدى

ئامېرىكا بىلەن ياپونىيە خىتاينىڭ رايوندىكى تەھدىتىگە تاقابىل تۇرۇش مەقسەت قىلىنغان «تۆمۈر مۇشت 24» ناملىق ھەربىي مانېۋىرىنى ئۆتكۈزمەكتە.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا بىلەن ياپونىيەنىڭ كيۇشۇ بىلەن ئوكىناۋا رايونىدا يىلدا بىر ئۆتكۈزۈلىدىغان «تۆمۈر مۇشت 24» ناملىق بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرى داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، كۆپلىگەن رايونلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان. تەھلىلچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، مانېۋىرلارنىڭ ھەممىسى ياپونىيەنىڭ غەربىي جەنۇب تاقىم ئاراللىرىدىكى مۇھىم ھەربىي بازىسىنى قوغداشنى كۈچەيتىش بولۇپ، بۇ مانېۋىر يەرلىك رايونلارنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشتىن باشقا، مانېۋىرغا قاتنىشىش ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ جەڭ مەشىقى قىلىپ، خىتاينىڭ تەھدىتىگە تاقابىل تۇرۇشنى مەقسەت قىلغان.

ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلغۇچى قىسىمى بىلەن ياپونىيەنىڭ قوغدىنىش قىسمى 25-فېۋرال ناگاساكىنىڭ ساسېبو شەھىرىدىكى ئايۇرا گارنىزون رايونىدا باشلانغان «تۆمۈر مۇشت 24» ناملىق بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرنىڭ 17-مارتقىچە داۋاملىشىشى مۆلچەرلەنمەكتىكەن.

ياپونىيە تەرەپ قۇرۇقلۇق قوغدىنىش قىسمىنىڭ دېڭىز ۋە قۇرۇقلۇق ھەرىكەتچان قىسمى بىلەن غەرب فىرونتى (ئالدىنقى سېپى بىرلەشمە ئارمىيەگە باراۋەر) ۋە دېڭىز-ئوكيان قوغدىنىش قىسمىدىن جەمئىي 800 ئەسكەرنى ئەۋەتكەن.

ئامېرىكا مانېۋىرغا دېڭىز ئارمىيەسى ئۈچىنچى يىراققا يۈرۈش قىسمىنىڭ 31-ئەترىتىنى ۋە 7-دېڭىز فىلوتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرغان. بۇلار ئامېرىكىنىڭ بىر تۈركۈم ھەربىي پاراخوتلىرى ۋە 1300 ئەسكىرىدىن تەشكىل تاپقان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، بۇ قېتىملىق مانېۋىر ناگاساكى، كۇماموتو، كاگوشىما ۋە ئوكىناۋا قاتارلىق تۆت ۋىلايەتتىكى سەككىز ئورۇندا ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، خىتايغا تەھدىتىگە قارشى ئېنىق سىگنال ھېسابلىنىدىكەن.

ئامېرىكا بىلەن ياپونىيە 2006-يىلىدىن تارتىپ «تۆمۈر مۇشت» ناملىق ھەربىي مانېۋىرنى يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈپ كەلگەن بولۇپ، بۇ يىل ئۆتكۈزۈلگىنى 18-قېتىملىقى ئىكەن. بۇندىن بۇرۇن ئىزچىل ئامېرىكىدا ئۆتكۈزۈلۈپ كەلگەن «تۆمۈر مۇشت» ھەربىي مانېۋىرى بۇلتۇر ۋە بۇ يىل ياپونىيەگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1831 قېتىم كۆرۈلدى
01/03/2024 15:12:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق