خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا مىليونلىغان خەلقنى جازا لاگېرىغا، تۈرمىلەرگە قاماش بىلەن بىرگە، ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرىنى يەسلى نامىدىكى بالىلار لاگېرلىرىغا يىغىپ، ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ كەلگەنىدى. خىتاي تەشۋىقات ئورگانلىرىنىڭ خەۋىرى ئاتالمىش «بالىلارنى ھاۋالىلىك بېقىش» ئورۇنلىرىنىڭ زور دەرىجىدە كۆپەيتىلگەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى.
شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي تەشۋىقات ئورگىنى تەڭرىتاغ تورىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 2023-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە پۈتۈن شەرقىي تۈركىستاندا رويخەتكە ئېلىنغان ئاتالمىش «بالىلارنى ھاۋالىلىك بېقىش مۇلازىمەت ئاپپاراتى» (يەسلى ھاۋالىلىك سىنىپى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) جەمئىي 1249گە، ئەنگە ئېلىنىپ باشقۇرۇلغىنى 690غا يەتكەن. نەتىجىدە ھەر 1000 نوپۇسقا بالىلارنى ھاۋالىلىك بېقىش مۇلازىمەت ئورنى 2.5تىن توغرا كەلگەن.
خىتاي رېجىمى 2020-يىلىدىن 2023-يىلىغىچە شەرقىي تۈركىستاندا جەمئىي 143 مىليون 910 مىڭ يۈەن سەرپ قىلىپ، بالىلارنى ھاۋالىلىك بېقىش مۇلازىمەت تۈرىدىن 84نى قۇرۇپ، مۇلازىمەت ئاپپاراتلىرى قارمىقىدىكى بالىلارنى ھاۋالىلىك بېقىش مۇلازىمەت ئورنىدىن 11100 نى يېڭىدىن كۆپەيتكەن.
ئاتالمىش «ھاۋالىلىك بېقىش» ئورۇنلىرىغا ئىككى ياشتىن ئۈچ ياشقىچە بولغان بالىلار قوبۇل قىلىنغان بولۇپ، پۈتۈن شەرقىي تۈركىستان بويىچە 195 يەسلى ھاۋالىلىك سىنىپ تەسىس قىلىش نۇقتىسىدا سىناق قىلىنغان.
بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەردە يەنە خىتاي رېجىمىنىڭ2025 -يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە ھەر مىڭ نوپۇسقا توغرا كېلىدىغان ئۈچ ياشتىن كىچىك بوۋاقلار ۋە بالىلارنى ھاۋالىلىك بېقىش مۇلازىمەت ئورنىنىڭ 4.5تىن ئاز بولماسلىقىنى ئىشقا ئاشۇرىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
خىتاي رېجىمى شەرقىي تۈركىستاندا ئاتا-ئانىسى جازا لاگېرىغا قامالغان بالىلارنى بالىلار لاگېرى خاراكتېرىدىكى ياتاقلىق يەسلى، مەكتەپلەرگە مەجبۇرىي ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ پۈتۈنلەي خىتايلاشتۇرۇپ، ئاسسىمىلياتسىيە قىلىنىپ تەربىيەلىنىدىغانلىقى دوكلاتلاردا، خەۋەرلەردە ۋە تارقالغان بىر قىسىم سىنلاردا ئىسپاتلىنىپ كەلمەكتە.