تەشكىلاتلار بىرلىكى ھەيئىتى مالايشىيا مۇئاۋىن مائارىپ مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى

خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان، باش كاتىپى ئابدۇرېشىت ئەمىنھاجىدىن تەشكىللەنگەن بىر ھەيئەت مالايشىيادا زىيارەتتە بولۇۋاتقان بولۇپ، 28-فېۋرال مالايشىيا ئالىي مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى مۇستاپا ساكمۇد ۋە كېڭەش پالاتاسى ئەزاسى ھاسبىيە مودانى ئىشخانىسىدا زىيارەت قىلدى.

ھەيئەت زىيارەت جەريانىدا مىنىستىر بىلەن مالايشىيا ئالى مەكتەپلىرىدە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى. شۇنداقلا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە قارشى ئىجرا قىلىۋاتقان جازا لاگېرى ۋە تۈرمىلەرگە سولاپ، ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈش جىنايىتىنى مالايشىيادا كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈش مەسىلىلىرى، شۇنداقلا مالايشىيا پارلامېنتىدا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

تەشكىلاتلار بىرلىكى ھەيئىتى 28-فېۋرال يەنە مالايشىيا تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ باش مەسلىھەتچىسى ۋە ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ رەئىسى داتو ئەھمەد ئەززام، مالايشىيا مۇسۇلمان ياشلار ھەرىكىتىنىڭ (ABİM) رەئىسى فەھرى شەمسۇددىن قاتارلىقلار بىلەن كۆرۈشتى.

ھەيئەت سۆھبەت جەريانىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى، مالايشىيادا شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈش خىزمەتلىرى قاتارلىق مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلدى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 2935 قېتىم كۆرۈلدى
29/02/2024 18:23:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق