ئاۋسترالىيە خىتاي دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ تەھدىتىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، ئەقلىي ئىقتىدارلىق سۇ مىناسى ئورۇنلاشتۇرۇشقا باشلىغان.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 28-فېۋرال خەۋەر قىلىشىچە، ئاۋسترالىيە خىتاي دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان تەھدىتىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن دېڭىز ئارمىيەسىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان بولۇپ، يېقىندا سېتىۋالغان تۇنجى تۈركۈمدىكى ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئىلغار سۇ مىناسىنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا باشلىغان.
فىرانسىيە «دېڭىز ئارمىيەسى خەۋەرلىرى»نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئاۋسترالىيە باشقۇرۇلىدىغان قورال-ياراغ ۋە پارتلاتقۇچ دورا زاۋۇتىنىڭ باش مەسئۇلى، ھاۋا ئارمىيە مۇئاۋىن مارشالى لېئون فىلىپس يۇقىرىدىكى خەۋەرلەرنى كانبېررادا ئۆتكۈزۈلگەن 21-نۆۋەتلىك ئاۋسترالىيە دۆلەت مۇداپىئە ژۇرنىلى يىغىنىدا ئاشكارىلىغان. ئۇ بۇ ھەقتە: «تۇنجى تۈركۈمدىكى زامانىۋى سۇ مىنالىرى تاپشۇرۇپ ئېلىندى ۋە ئاللىقاچان دېڭىز ئارمىيەسى مەشىق قىلغاندا ئىشلەتمەكتە» دېگەن.
خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، ئاۋسترالىيە گېرمانىيەدە ئىشلەپچىقىرىلغان «دېڭىز ئوكيان 2000 دېڭىزغا مىنا قويۇش تۈرى»نىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە رېيىنمېتال قورال-ياراغ ۋە ئوق-دورا شىركىتىنىڭ ئىتالىيە تارمىقى ئىشلەپچىقارغان مەلۇم ساندىكى ئەقلىي ئىقتىدارلىق سۇ مىنالىرىنى سېتىۋالغان. بۇ پىلان 2021-، 2022-يىللىرى كەڭ كۆلەمدە كەسپىي مەسلىھەتلەردىن ئۆتكەن. ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتى ئۆتكەن يىلىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا گېرمانىيە رېيىنمېتال قورال-ياراغ شىركىتىنىڭ ئىتالىيە تارمىقى ئىشلەپچىقارغان بىر تۈركۈم مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىشنى قارار قىلغان.
«دېڭىز ئارمىيەسى خەۋەرلىرى»دە خەۋەر قىلىنىشىچە، گەرچە ئاۋسترالىيە بۇ ئەقلىي ئىقتىدارلىق سۇ مىنالىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغان سۇپىلارنىڭ تەپسىلاتلىرىنى ئاشكارىلىمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئاۋسترالىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بۇ مىنالارنى ئادەملىك ۋە ئادەمسىز سۇ ئۈستى پاراخوتى، ئايروپىلان ۋە سۇ ئاستى پاراخوتلىرىغا ئورۇنلاشتۇرۇشنى پىلانلىغان.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ