ئالدىنقى ھەپتە ئىستانبۇل جۇمھۇرىيەت باش تەپتىش مەھكىمىسى خىتاينى تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى مەلۇماتلار بىلەن تەمىنلىگەن ئالتە خىتاي جاسۇسىنى قولغا ئالغانىدى. تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تۇتۇش بۇيرۇقى ئارقىلىق جاسۇسلارنىڭ كىملىكى ۋە ھەرىكەتلىرى دەسلەپكى قەدەمدە ئاشكارىلانغان بولۇپ، تۈركىيە خەۋەر ئورگىنى «خەۋەر تۈرك» بۇ ھەقتىكى بىر قىسىم مەلۇماتلارنى ئېلان قىلدى.
خەۋەر تۈرك تورىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، تېررورلۇق ۋە تەشكىللىك جىنايەتلەرنى تەكشۈرۈش ئىدارىسى تەپتىشىنىڭ جازا سوتىدىن مەزكۇر جىنايەت گۇماندارلىرىنى قولغا ئېلىشنى تەلەپ قىلغان يازمىسىدا، سادىق مەمەتئەزىز ئىسىملىك جىنايەت گۇماندارىنىڭ خىتاينىڭ جاسۇسلۇق ئورگىنى بولغان دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقىنىڭ ئەمەلدارى ۋە قاغىلىق ناھىيەسىنىڭ مۇئاۋىن ھاكىمى لى فامىلىلىك (ئۆزگەرتكەن ئىسمى) خىتاي بىلەن يانفوندا ۋە يۈزتۇرانە كۆرۈشكەنلىكىنى ئېنىقلىغان.
سادىق مەمەتئەزىز 2000-يىللارنىڭ بېشىدىن باشلاپ، خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقىنىڭ سابىق خادىمى مۇتىۋۇللا (ئۆزگەرتكەن ئىسمى) ۋە خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقىنىڭ خادىمى ئالىمجان (ئۆزگەرتكەن ئىسمى) قاتارلىق جاسۇسلار بىلەن يانفون ئارقىلىق ۋە يۈزتۇرانە كۆرۈشۈپ تۇرغان.
تۈركىيە دۆلەتلىك ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ ئېنىقلىشىچە، سادىق مەمەتئەزىز مەزكۇر يۈز تۇرانە كۆرۈشۈشلەرنىڭ چەت ئەلدە بولۇشىنى خالىغان بولۇپ، دوكلاتتا يەنە سادىق مەمەتئەزىزنىڭ 2023-يىلى 2-ئايدا خوڭكوڭغا بارغانلىقى ۋە خوڭكوڭدىن قەشقەر ۋىلايىتى قاغىلىق ناھىيەسىگە كېلىپ، لى فامىلىلىك ۋە ئالىمجان ئىسىملىك ئىككى جاسۇس بىلەن يۈز تۇرانە كۆرۈشكەن. ئارقىدىن ئۇ سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ جىددە شەھىرىدە ئالىمجان بىلەن يەنە بىر قېتىم كۆرۈشكەن.
جاسۇسلۇق پائالىيىتىنى ئوڭۇشلۇق داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن، خىتاي ۋە سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى خىتاي ئىستىخبارات خادىملىرى سادىق مەمەتئەزىزغا ئوخشىمىغان ئىككى خىل پاسپورت بېجىرىپ بەرگەن. ئۇيغۇرلارنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا بېرىش-كېلىش يوللىرى تاقالغان، بولۇپمۇ 2017-يىلىدىن كېيىنكى مەزگىللەردە ئۇيغۇرلارنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا كىرىش-چىقىشى مۇمكىن بولمىغان مەزگىللەردىمۇ گۇماندارلارنىڭ بېرىش-كېلىشنى توختاتمىغانلىقى خاتىرىلەنگەن.
سادىق مەمەتئەزىز 2023-يىلى 8-ئايدا تۈركىيەگە قايتىپ كەلگەن. خىتاي ئىستىخبارات خادىملىرى بىلەن كۆرۈشكەندە، تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى، جەمئىيەتلىرىنىڭ يىغىنلىرى، تۈركىيەدە ياشايدىغان، تونۇلغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئادرېسىنى ئېنىقلاپ چىقىپ توپلاپ، سۈرەتلەر ۋە ھۆججەتلەرنى خىتاي جاسۇسلىرىغا بەرگەن.
ئىستانبۇل تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ قولغا ئېلىشنى تەلەپ قىلغان يازمىسىدا بىلدۈرۈلۈشىچە، سادىق مەمەتئەزىز خىتاي ئىستىخبارات ئورگىنىدىن تاپشۇرۇۋالغان يوليورۇق بىلەن ھەرىكەت باشلاپ، جامائەت ئەربابى ئابدۇقادىر ياپچان تۇرىدىغان رايوندا ئولتۇراقلىشىش ئۈچۈن ھەرىكەت باشلاپ، 2023-يىلى 1-ئايدا ئىستانبۇلنىڭ باشاقشەھىر رايونىدىن ئۆي ئىزدىگەن. ئۇ يەنە زەيتىنبۇرنۇدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ناۋايخانىسىدا ئىشلەيدىغان ئابدۇللاھ ئىسىملىك كىشىنى سۇرىيەدىكى ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئۇچۇر توپلاشقا ئورۇنلاشتۇرغان. سادىق مەمەتئەزىز خىتاي ئۈچۈن جاسۇسلۇق قىلىش بەدىلىگە خىتايدىن 2023-يىلى بېيجىڭدا 7000 دوللار، سەئۇدى ئەرەبىستاندا 15 مىڭ دوللار ھەق ئالغان.
جاسۇسلۇق گۇماندارلىرىدىن بىرى بولغان ھەبىبۇللا ئۈرۈمچىنىڭ قولغا ئېلىش تەلەپ قىلىنغان تەپتىش يازمىسىدا خاتىرىلىنىشىچە، ھەبىبۇللا ئۈرۈمچى سادىق مەمەتئەزىزغا ئالىمجان ئىسىملىك جاسۇستىن كەلگەن پۇلنى يەتكۈزۈپ بېرىشكە ۋاسىتىچى بولغان. ھەبىبۇللا ئۈرۈمچىنىڭ پاكىستاندىمۇ سادىق مەمەتئەزىز بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلغانلىقى ۋە كۆپ قېتىم چەت ئەلگە چىقىپ-كىرىش خاتىرىلىرى بارلىقى بىلدۈرۈلگەن.
خەۋەردە گۇماندارلارنىڭ بىرى بولغان ھاشىم سابىتئوغلىنىڭ ئۆمرە قىلىش باھانىسى بىلەن، يېقىنقى ۋاقىتلاردا خىتاي ئىستىخبارات خادىملىرىنىڭ كۆرۈشۈش ئورنىغا ئايلانغان سەئۇدى ئەرەبىستانغا بارغانلىقى ۋە سادىق مەمەتئەزىزنىڭ خىتايدىن ئالغان پۇللىرىنى ھاشىم ئارقىلىق «تىجارەت قىلىش» نامىدا ئالغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
گۇماندارلاردىن ئابدۇللا ناسىرنىڭ قولغا ئېلىش تەلەپ قىلىنغان تەپتىش يازمىسىدا، ئابدۇللا ناسىرنىڭ ئۆزىنى خىتاينىڭ كونسۇلخانا خادىمى دەپ تونۇشتۇرغان جۇڭ شۆگاڭ ئىسىملىك خىتاي ئىستىخبارات خادىمى بىلەن ئىزچىل كۆرۈشكەنلىكى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بۇرسادا بىر مېھمانخانىدا تۇرغانلىقى خاتىرىلەنگەن. ئالىمجان ئىسىملىك جاسۇسنى تونۇيدىغان ئابدۇللا ناسىرنىڭ نۇرغۇن پاسپورت خاتىرىسى بارلىقى ئاشكارىلانغان.
20-فېۋرال ئىستانبۇل باش تەپتىش مەھكىمىسى تېررورلۇق ۋە تەشكىللىك جىنايەتچىلەرنى تەكشۈرۈش ئىدارىسى ئىجرا قىلغان ھەرىكەتتە تۈركىيە ئىستىخبارات تەشكىلاتى تەمىنلىگەن ئۇچۇرلارغا ئاساسەن، تۈركىيەدە ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركىستانلىقلار، شەرقىي تۈركىستان جەمئىيەتلىرى، تەشكىلاتلىرى ھەققىدە ئۇچۇر توپلاپ، خىتاي ئىستىخبارات خادىملىرىغا يوللىغان ئالتە كىشى بىرلا ۋاقىتتا ئىستانبۇلدا قولغا ئېلىنغانىدى ۋە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا زور غۇلغۇلا قوزغىغانىدى.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ