خىتاي تالاش-تارتىشتىكى دېڭىزدا ئۆكتەملىك قىلماقتا

خىتاي دېڭىز رايونىدا ئۆكتەملىك قىلمىشلىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ، جەنۇبىي دېڭىزدىكى تالاش-تارتىش قىلىنىۋاتقان دېڭىز ساھىلىنىڭ كىرىش ئېغىزىغا يېڭى لەيلىمە توسۇقلارنى ئورناتقان.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 27-فېۋرال خەۋەر قىلىشىچە، سۈنئىي ھەمراھتىن تارتىلغان سۈرەتلەردە خىتاي دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت ئەترىتىنىڭ جەنۇبىي دېڭىزدا تالاش-تارتىش قىلىنىۋاتقان دېڭىز تەۋەلىكىدىكى سىكاربورو ئارىلى (خىتايلار خۇاڭيەن ئارىلى دەپ ئاتايدۇ) ساھىلىنىڭ كىرىش ئېغىزىغا يېڭىدىن لەيلىمە توسۇق ئورناتقانلىقى كۆرسىتىلگەن. بۇ جايدا خىتاي پاراخوتلىرى بىلەن فىلىپپىن پاراخوتلىرى ئوتتۇرىسىدا دائىم توقۇنۇش يۈز بېرىدىكەن.

رويتېرس ئاگېنتلىقى 22-فېۋرال ماكسار تېخنىكا شىركىتى تارتقان سۈنئىي ھەمراھ سۈرىتى ئارقىلىق، سىكاربورو ئارىلىنىڭ كىرىش ئېغىزىغا ئانچە يىراق بولمىغان ساھىلدا خىتاينىڭ قانۇنسىز ئورنىتىۋالغان لەيلىمە توسۇقىنى بايقىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

ھالبۇكى، ئالدىنقى ھەپتە خىتاي دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت ئەترىتى فىلىپپىننىڭ خىتاي دېڭىز تەۋەلىكىگە قانۇنسىز بۆسۈپ كىرگەنلىكىنى، فىلىپپىن پاراخوتىنى رايوندىن قوغلاپ چىقارغانلىقىنى دەۋا قىلغانىدى.

فىلىپپىن دېھقانچىلىق مىنىستىرلىقى قارمىقىدىكى بېلىقچىلىق ۋە سۇ بايلىقى ئىدارىسى ئالدىنقى ھەپتە سىكاربورو ئارىلى رايونىنى چارلاش ۋە شۇ يەردىكى بېلىقچىلارغا يېقىلغۇ يەتكۈزۈش ئۈچۈن پاراخوت ئەۋەتكەن. ئالاقىدار ئەمەلدارلارنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاينىڭ باياناتى يالغان بولۇپ، فىلىپپىن پاراخوتلىرىنىڭ ئۇ يەردىكى پائالىيەتلىرى پۈتۈنلەي قانۇنلۇق ئىكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1869 قېتىم كۆرۈلدى
28/02/2024 11:04:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق