خىتايلارنىڭ گېرمانىيە ھەربىي ئايروپىلانىنى زىيارەت قىلىشىغا رۇخسەت قىلىنمىدى

سىنگاپوردا ئۆتكۈزۈلگەن ھەربىي ئايروپىلان كۆرگەزمىسىدە خىتاي پۇقرالىرى بىلەن رۇسىيە پۇقرالىرىنىڭ گېرمانىيە ھەربىي ئايروپىلانىنى زىيارەت قىلىشىغا رۇخسەت قىلىنمىدى.

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ 26-فېۋرال خەۋەر قىلىشىچە، ئالدىنقى ھەپتە سىنگاپوردا ئۆتكۈزۈلگەن ئاۋىياتسىيە كۆرگەزمىسىدە گېرمانىيەنىڭ مەسئۇل خادىملىرى خىتاي پۇقرالىرى بىلەن رۇسىيە پۇقرالىرىنىڭ گېرمانىيە ھەربىي ئايروپىلانىنى زىيارەت قىلىشىغا رۇخسەت قىلمىغان.

مەركىزىي خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، نۇرغۇنلىغان خىتايلار 24-فېۋرال توردا بۇ ئەھۋالغا قارشى نارازىلىق ئىنكاسلىرىنى يازغان. گېرمانىيە ھاۋا ئارمىيەسىگە تەۋە A400M تىپىلىق توشۇغۇچى ئايروپىلان سىنگاپور ئاۋىياتسىيە كۆرگەزمىسىگە قاتناشتۇرۇلغان بولۇپ، ئايروپىلان خادىملىرى خىتاي ساياھەتچىلىرىنىڭ ئايروپىلانغا چىقىشىنى قاتتىق تەرزىدە رەت قىلغان. بىر قىسىم گېرمانىيە ئەسكەرلىرى ۋە ئايروپىلان خادىملىرى ئايروپىلاننىڭ ئالدىدا ئۆچرەتتە تۇرۇۋاتقان يولۇچىلاردىن ئۇلارنىڭ دۆلەت تەۋەلىكىنى سورىغان ھەمدە خىتاي ۋە رۇسىيە پۇقرالىرىنىڭ ئايروپىلانغا چىقىشىغا رۇخسەت قىلمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. ئاۋىياتسىيە كۆرگەزمىسىگە قاتناشقان نۇرغۇنلىغان خىتاي ساياھەتچىلەر ئوخشاش ئەھۋالغا يولۇققان.

ياۋروپانىڭ ئايروپىلانسازلىق شىركىتى Airbus مەسئۇللىرىنىڭ ئېيتىشىچە، مەزكۇر ۋەقە تور دۇنياسىدا غۇلغۇلا قوزغىغاندىن كېيىن، گېرمانىيە تەرەپ ساياھەت تەرتىپى ۋە ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتكەنلىكىنى، خىتاي ھەمكارلاشقۇچىلىرى بىلەن داۋاملىق ھەمكارلىشىپ، خىتاي ئاۋىياتسىيە سانائىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، خىتاي بىلەن ياۋروپا ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادىي ۋە سودا ئالاقىگە ئۈلگە بولىدىغانلىقىنى، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا ئالاقە كۆۋرۈكى بەرپا قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئەمما ھازىرغا قەدەر گېرمانىيە ھەربىي ئايروپىلان خادىملىرىنىڭ خىتاي ۋە رۇسىيەدىن كەلگەن كىشىلەرنىڭ زىيارەت قىلىشىنى رەت قىلغانلىقىنىڭ سەۋەبى ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر بېرىلمىگەن.

نۆۋەتتە خىتاينىڭ تور ھۇجۇمى، تەربىيەلەنگەن جاسۇسلىرى، ھەتتا ئادەتتىكى پۇقرالىرى ئارقىلىق، ھەرقايسى دۆلەتلەرگە سىڭىپ كىرىش، دۆلەت مەخپىيەتلىكى، ئەقلىي مۈلۈك، سودا ئۇچۇرلىرى قاتارلىق مۇھىم مەلۇماتلارنى ئوغرىلاش قىلمىشلىرى ئارقا-ئارقىدىن خەۋەر قىلىنىپ، دۇنيا كۈنتەرتىپىدە تۇرماقتا.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1667 قېتىم كۆرۈلدى
28/02/2024 10:59:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق