خىتاي تارىم ئايرودۇرۇمىنى كېڭەيتىپ قۇرۇشنى پىلانلىدى

خىتاي شەرقىي تۈركىستاننى پۈتۈنلەي خىتايلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت رەزىل مەقسىتىگە يېتىشنى تېزلىتىش ئۈچۈن، 273 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئارال تارىم ئايرودۇرۇمىنى ئۆزگەرتىپ كېڭەيتىپ قۇرۇش تۈرىنى پىلانلىغان.

خىتاي تەشۋىقات ئورگىنى تەڭرىتاغ تورىنىڭ 26-فېۋرال خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي تارىم ئايرودۇرۇمىنى كېڭەيتىپ قۇرۇشنى پىلانلىغان بولۇپ، بۇ قۇرۇلۇش پات ئارىدا باشلىنىدىكەن. بۇ ئارال تارىم ئايرودۇرۇمىنىڭ ئاۋىياتسىيە مىقدارىنىڭ، ئېھتىياجنىڭ ئاشقانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، بۇ ئايرودۇرۇم 2022-يىلى 6-ئايدا پۈتۈپ قاتناش باشلىغان بولۇپ، ئارال تارىم ئايرودۇرۇمىنى ئۆزگەرتىپ كېڭەيتىپ قۇرۇش تۈرىگە جەمئىي 273 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىش، يېڭىدىن 400 مېتىرلىق ئۇچۇش-قونۇش يولى ياساش پىلانلانغان. بىلدۈرۈلۈشىچە، ئۇچۇش-قونۇش يولىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 3200 مېتىرغا ئۇزارتىلىپ، يېڭىدىن ئېچىلغان بىۋاسىتە ئۇچىدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنىڭ ئېھتىياجى قاندۇرۇلىدىكەن.

ئىشغالىيەتچى خىتاي شەرقىي تۈركىستاننى خىتايلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت رەزىل مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى جازا لاگېرى ۋە تۈرمىلەرگە قاماپ، ياشلارنى خىتاي ئۆلكىلىرى ۋە باشقا رايونلارغا سۈرگۈن قىلىش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ سانىنى ئازايتىپ، ئورنىغا خىتاي ئاققۇنلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى تېزلەتمەكتە. ئۇندىن باشقا يەنە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھاۋا قاتنىشى، تۆمۈر يول ۋە تاشيوللىرىنى كېڭەيتىپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ بايلىقىنى تېخىمۇ تېز سۈرئەتتە بۇلاڭ-تالاڭ قىلماقتا.

خىتاي رېجىمى يەنە خىتاي ساياھەتچىلىرىنى شەرقىي تۈركىستاننى ساياھەت قىلدۇرۇش ئارقىلىق، شەرقىي تۈركىستانغا كۆچۈپ كېلىشكە رىغبەتلەندۈرۈش بىلەن بىرگە، چەت ئەل ئاخبارات ئورۇنلىرىنى، بىر قىسىم دىپلوماتلارنى زىيارەت قىلدۇرۇش ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستاننى ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈز بەرمىگەندەك كۆرسىتىپ، كۆز بويىماقتا. ئەمما شەرقىي تۈركىستاندا قاتتىق باستۇرۇش، جازا لاگېرغا سولاپ قىرغىن قىلىش جىنايەتلىرىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرماقتا.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 2634 قېتىم كۆرۈلدى
28/02/2024 09:49:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق