خىتاي ئامېرىكا ئېلان قىلغان جازانى رەت قىلىدىغانلىقى ھەققىدە جار سالدى

خىتاي رۇسىيەگە ياردەم بەرگەنلىكى سەۋەبلىك، ئامېرىكا تەرىپىدىن قويۇلغان جازانى رەت قىلىدىغانلىقى ھەققىدە جار سالدى.

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ 26-فېۋرال خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي سودا مىنىستىرلىقى دۈشەنبە كۈنى نارازىلىق بىلدۈرۈپ، ئامېرىكىنىڭ رۇسىيەگە مۇناسىۋەتلىك ئەندىشىلىرى سەۋەبلىك، خىتاي شىركەتلىرىگە جازا يۈرگۈزگەنلىكىگە «قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقى»نى دەۋا قىلغان.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئالدىنقى جۈمە يېڭى جازا قارارى ئېلان قىلىپ، رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدا رۇسىيەگە ياردەم بەرگەن 93 شىركەت، ئورگاننى جازا تىزىملىكىگە كىرگۈزگەنىدى. بۇنىڭ ئىچىدە خىتاي شىركەتلىرىمۇ بار ئىدى.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي سودا مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ: «زۆرۈر تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، خىتاي شىركەتلىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇقى ۋە مەنپەئەتىنى قەتئىي قوغدايمىز» دېگەن. ئەمما بۇنىڭ ئۈچۈن قانداق تەدبىر قوللىنىدىغانلىقىنى تىلغا ئالمىغان.

بۇلاردىن سىرت، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرمۇ 21-فېۋرال ئۇكرائىنا ھەققىدە رۇسىيەگە قاراتقان 13-قېتىملىق جازا پىلانىنى تەستىقلىغان بولۇپ، رۇسىيەگە قورال-ياراغ سېتىش ياكى ئۇكرائىنالىق بالىلارنى تۇتقۇن قىلىشقا چېتىشلىق بولۇش بىلەن ئەيىبلەنگەن 200 گە يېقىن ئورۇن ۋە شەخسنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرگە كىرىشىنى چەكلىگەنىدى. ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مەزكۇر جازالاش قارارى ئالاھىدە دىققەت قوزغىغان بولۇپ، بۇ قېتىم خىتاي ۋە ھىندىستان شىركەتلىرى تۇنجى قېتىم نىشانلانغانىدى. يېڭى جازا تەدبىرىگە ئاساسەن، خىتاينىڭ ئۈچ شىركىتى ياۋروپا شىركەتلىرى بىلەن سودا قىلىشى چەكلەنگەن شىركەتلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەنىدى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1746 قېتىم كۆرۈلدى
27/02/2024 11:05:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق