خىتاينىڭ ئىنسان قېلىپىدىن چىققان قىيىن-قىستاقلىرى كۆرسىتىلگەن يەنە بىر سىن ئاشكارىلاندى

خىتاينىڭ ئىنسان قېلىپىدىن چىققان قىيىن-قىستاقلىرى كۆرسىتىلگەن يەنە بىر سىن ئاشكارىلاندى

بىر نەچچە كۈن بۇرۇن خىتاي ساقچىلىرىنىڭ مەلۇم بىر ياشنى رەھىمسىزلەرچە قىيىن-قىستاققا ئېلىۋاتقان سىنلىق كۆرۈنۈشى تارقالغان بولۇپ، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىغان.
25 سېكۇنتلۇق مەزكۇر سىندا قولى ئارقىسىدىن باغلىنىپ، قىيىن-قىستاققا ئېلىنىۋاتقان ياشنىڭ ئۇيغۇر بولۇش ئېھتىماللىقى چوڭ بولۇپ، ساقچىلار تەرىپىدىن توختىماي ئۇرۇلغان ۋە توك كالتىكى بىلەن توك سوقتۇرۇلغان. ئاۋاز چىقارماسلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭ ئېغىزىغا لاتا تىقىپ قويۇلغان.
خىتاينىڭ تۈرمە ۋە جازا لاگېرلىرىدا قامالغان كىشىلەرنى ئىنسان قېلىپىدىن چىققان قىيىن-قىستاقلارغا ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقى خەلقئارا جەمئىيەتكە سىر بولمىسىمۇ، ئەمما خىتاينىڭ تاراتقۇ ۋە ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىنى قاتتىق كونترول قىلىشى نەتىجىسىدە يېتەرلىك دەلىل-ئىسپاتقا ئېرىشىش تەس بولۇپ كەلمەكتە.

بۇ خەۋەر 1095 قېتىم كۆرۈلدى
18/10/2019 15:42:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق