فىلىپپىن خىتاي بىلەن بولغان ئىقتىسادىي ۋە سودا ئالاقىسىنى ئازايتماقتا

فىلىپپىن ھۆكۈمىتى ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر بىلەن تاشقى بىخەتەرلىك ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، خىتاي بىلەن بولغان ئىقتىسادىي ۋە سودا جەھەتتىكى ئالاقىسىنى تەدرىجىي ئازايتىشقا باشلىغان.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 26-فېۋرال خەۋەر قىلىشىچە، فىلىپپىن بىلەن خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى زىددىيىتىنىڭ كەسكىنلىشىشىگە ئەگىشىپ، فىلىپپىن ھۆكۈمىتى ياپونىيە قاتارلىق رايونلۇق دېموكراتىك دۆلەتلەر بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنى پائال كۈچەيتكەن.

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئېيتىشىچە، ئەگەر ياپونىيە بىلەن فىلىپپىن «ئۆزئارا رۇخسەت كېلىشىمى» ئىمزالاپ قالسا، بۇ رايون كۈچىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇپ، رايون بىخەتەرلىكىنى قوغداشقا پايدىلىق ئىكەن. ئۇندىن باشقا، ئىقتىسادىي ساھەدە فىلىپپىن خىتاينىڭ ياردىمىگە تايىنىپ قېلىشتىن ۋە خىتاي مەبلىغىنىڭ فىلىپپىننىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەسىر كۆرسىتىشىدىن ساقلىنالايدىكەن.

خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى تاجاۋۇزچىلىق ھەرىكىتىگە قارىتا فىلىپپىن ھۆكۈمىتى دېموكراتىك دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇداپىئە ھەمكارلىقىنى پائال كۈچەيتكەن. جۈملىدىن فىلىپپىن-ئامېرىكا ئىتتىپاقىنى كۈچەيتىشتىن باشقا، ياپونىيە بىلەن مۇداپىئە ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى قانات يايدۇرغان.

ئۆتكەن يىلى نويابىردا ياپونىيە باش ۋازىرى فۇمىئو كىشىدا مانىلادا زىيارەتتە بولغاندا، فىلىپپىن پىرېزىدېنتى ماركوس بىلەن ئىككى دۆلەتنىڭ ئۆزئارا مۇداپىئە كېلىشىمى توغرىسىدىكى سۆھبەتنى باشلايدىغانلىقىنى، بۇنىڭ ياپونىيەنىڭ قوغدىنىش قىسمى بىلەن فىلىپپىن ئارمىيەسى ئوتتۇرىسىدىكى بىرلەشمە مانېۋىرنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا قولايلىق يارىتىدىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن.

فىلىپپىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئېنرىكو مانالو 16-فېۋرالدىكى سۆزىدە مەلۇمات بېرىپ، بۇ يىل مانىلادا ياپونىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى ۋە دۆلەت مۇداپىئە ۋەزىرى بىلەن كېڭەش يىغىنى ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى، مەزكۇر يىغىندا ئۆزئارا رۇخسەت كېلىشىمى مۇزاكىرىسى نۇقتىسىدىن ئورتاق پىكىرگە كېلىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1659 قېتىم كۆرۈلدى
27/02/2024 10:34:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق