ئاقچى ناھىيەسىدە يەنە يەر تەۋرىدى

شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاقچى ناھىيەسىدە 24- ۋە 25-فېۋرال كۈنلىرى بەش بالدىن يۇقىرى يەر تەۋرىدى.

خىتاي يەر تەۋرەشتىن مەلۇمات بېرىش تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 24-فېۋرال ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 04:58 دا ئاقچى ناھىيەسىدە (شىمالىي كەڭلىك 41.12 گىرادۇس، شەرقىي ئۇزۇنلۇق 78.54 گىرادۇس) 5.3 بال يەر تەۋرىگەن، تەۋرەش مەنبەسىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 10 كىلومېتىر بولغان. 

خىتاي تەشۋىقات ئورگانلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ قېتىم يەر تەۋرىگەن ئورۇننىڭ 20 كىلومېتىر ئىچىدە يېزا-بازار يوق بولۇپ، 50 كىلومېتىر ئىچىدە ئاقچى بازىرى، سومتاش يېزىسى بار ئىكەن.

يەر تەۋرەش مەركىزىنىڭ ئاقچى ناھىيەسى بىلەن بولغان ئارىلىقى 23 كىلومېتىر، ئۇچتۇرپان ناھىيەسى بىلەن بولغان ئارىلىقى 58 كىلومېتىر، ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 803 كىلومېتىر كېلىدىكەن.

خىتاي يەر تەۋرەشنى كۆزىتىش ئىستانسىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 25-فېۋرال ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 10:14 تە، ئاقچى ناھىيەسىدە (شىمالىي كەڭلىك 41.15 گىرادۇس، شەرقىي ئۇزۇنلۇق 78.41 گىرادۇس) يەنە 5.8 بال يەر تەۋرىگەن. يەر تەۋرەش مەنبەسىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 11 كىلومېتىر بولۇپ، يەر تەۋرەش مەركىزىنىڭ بەش كىلومېتىر دائىرىسىنىڭ ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى تەخمىنەن دېڭىز يۈزدىن 2897 مېتىر كېلىدىكەن.

خىتاي يەر تەۋرەش ئەھۋالىنى كۆزىتىش تورىنىڭ مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، ئۆتكەن بەش يىل ئىچىدە يەر تەۋرەش مەركىزىنىڭ ئەتراپىدىكى 200 كىلومېتىر دائىرە ئىچىدە ئۈچ بال ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى جەمئىي 341 قېتىم يەر تەۋرىگەن. ئەڭ چوڭ يەر تەۋرەش بۇ يىل 23-يانۋار ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدە يۈز بەرگەن بولۇپ، 7.1 بال ئىكەنلىكى بېكىتىلگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 2837 قېتىم كۆرۈلدى
26/02/2024 19:33:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق