ئەنگلىيە تاراتقۇسى شى جىنپىڭنىڭ خۇ جىنتاۋنى يىغىندىن قوغلاپ چىقىرىشىنىڭ سىرىنى ئاشكارىلىدى

ئەنگلىيە ئاخبارات ئورگىنى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ 20-قۇرۇلتاي مەزگىلىدە خىتاينىڭ سابىق رەئىسى خۇ جىنتاۋنىڭ نېمە سەۋەبلىك يىغىندىن قوغلاپ چىقىرىلغانلىقىنىڭ سىرىنى ئاشكارىلىدى.

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 2022-يىلى 22-ئۆكتەبىر خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيىدا، خىتاينىڭ سابىق رەئىسى خۇ جىنتاۋ يىغىن داۋاملىشىۋاتقان مەزگىلدە يىغىن مەيدانىدىن مەجبۇرىي تارتىپ چىقىرىلغان ۋە بۇ كۆرۈنۈشلەر چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى قوزغىغانىدى.

«پۇل-مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى» خۇ جىنتاۋنىڭ 20-قۇرۇلتاي يىغىن مەزگىلىدە قوغلانغانلىقىنىڭ ئىچكى سىرىنى ئاشكارىلاپ، ئۈستەلدىكى قىزىل باشلىق ھۆججەتتە مۇھىم مەزمۇنلار بارلىقىنى، شى جىنپىڭنىڭ خۇ جىنتاۋنىڭ مەزكۇر قىزىل باشلىق ھۆججەت قىسقۇچىنى ئېچىشىنى چەكلىشىنىڭ سەۋەبى مەزكۇر ھۆججەتتە خۇ جىنتاۋنىڭ يېقىن ئادىمى خۇ چۈنخۇانىڭ سىياسىي بىيۇروسىغا ئۆستۈرۈلمىگەنلىكى ھەققىدىكى بايانلارنىڭ بار ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. شى جىنپىڭ مەزكۇر يىغىندىن پايدىلىنىپ ئۈچىنچى قېتىم ۋەزىپە ئۆتەشكە تەييارلانغان بولۇپ، بۇ ئۇنىڭ ئۆمۈرۋايەت رەئىس بولۇپ قالغانلىقىنىڭ نامايەندىسى بولغان.

«پۇل-مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى» يەنە لوندون ئۇنىۋېرسىتېتى شەرق ۋە ئافرىقا تەتقىقات مەكتىپىنىڭ خىتايشۇناشلىرىدىن زىڭ رۈيشىڭ يازغان «شى جىنپىڭنىڭ سىياسىي تەپەككۇرى» ناملىق يېڭى كىتابىدىكى تەھلىلىنى نەقىل كەلتۈرگەن بولۇپ، مەزكۇر كىتابتا ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، شى جىنپىڭنىڭ تەسەۋۋۇرى بىرلىككە كەلگەن كۈچلۈك دۆلەت بەرپا قىلىش ئارقىلىق، خىتاينى دۇنيانىڭ مەركىزى نۇقتىسىغا كۆتۈرۈش خىيالىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئىكەن. شى جىنپىڭنىڭ ئاخىرقى مەقسىتى ئاتالمىش «بىر دۆلەت، بىر مىللەت، بىر ئىدىيە، بىر پارتىيە ۋە بىر رەھبەر» سىستېمىسىدىكى خىتاي دۆلىتىنى بەرپا قىلىش ئىكەن. شۇڭا شى جىنپىڭ بارلىق توسالغۇلارنى يىقىتىپ تاشلاپ ھەرىكەتكە ئۆتكەن بولۇپ، خۇجىنتاۋ شى جىنپىڭغا توسالغۇ بولۇپ قالغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 2813 قېتىم كۆرۈلدى
26/02/2024 19:10:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق