خىتاي رېجىمى شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان مەجبۇرىي ئەمگەك سالمىقى ۋە كۆلىمىنى تېخىمۇ كۈچەيتكەن بولۇپ، يېقىنقى ئۈچ ئاي ئىچىدە 412 مىڭ ئادەمنى مەجبۇرىي ئەمگەك ئورۇنلىرىغا ئەۋەتكەن.
ئاتالمىش «شىنجاڭ ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى» ئورگان تورىنىڭ 23-فېۋرالدىكى ئۇچۇرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي رېجىمى ئۆتكەن يىلى قىشتىن باشلاپ، ئاتالمىش «يېزا ئەمگەك كۈچىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش» نامىدا كارخانىلار بىلەن ھەمكارلىشىپ، يېزا ئەمگەك كۈچلىرىنى پىلانلىق ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ، 2023-يىلى 12-ئايدىن 2024-يىلى 2-ئاينىڭ 22-كۈنىگىچە بولغان ئۈچ ئاي ئىچىدە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا جەمئىي 412 مىڭ 400 ئادەم قېتىم ئاتالمىش «كەسپىي ماھارەت مەشىقى»گە تەشكىللىگەنلىكىنى دەۋا قىلغان.
خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە بىر تەرەپتىن جازا لاگېرى ۋە تۈرمىلەرگە قاماشنى زور دەرىجىدە كۈچەيتسە، يەنە بىر تەرەپتىن خىتاي رېجىمى تەشكىللىگەن ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرى ئاتالمىش «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش»، «ئىشىك ئالدىدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» نامىدا خىتاي شىركەتلىرىنى شەرقىي تۈركىستاننىڭ يېزا-كەنتلىرىگە ئورۇنلاشتۇرۇپ، ھەر خىل ۋاسىتىلەر بىلەن خەلقنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سالماقتا. ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك دائىرىسىنى كېڭەيتىش جەھەتتە، خىتاي ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ئالاھىدە رول ئويناپ كەلگەن بولۇپ، نۆۋەتتە بۇ ئورگانلار خىتاي شىركەتلىرى بىلەن بىۋاسىتە ئالاقە قىلىپ، ئۇيغۇر ياشلىرىنى خىتاي شىركەتلىرىگە ئەرزان باھادا ساتماقتا.
خىتاي رېجىمى جازا لاگېرىغا قاماش، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش جىنايەتلىرىنى «كەسپىي ماھارەت بىلەن تەربىيەلەش» دېگەن نام بىلەن پەردازلاپ كەلگەن بولۇپ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە خىتاي ئۆلكىلىرىدىن خىتاي ئاققۇنلىرىنى شەرقىي تۈركىستانغا يۆتكەپ كېلىپ، يۇقىرى مائاش، ھەقسىز ئۆي، ھەقسىز يەر قاتارلىق تەمىناتلار ئارقىلىق قىزىقتۇرۇپ، شەرقىي تۈركىستاننى پۈتۈنلەي خىتايلاشتۇرۇشقا ئالاھىدە كۈچىمەكتە.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ