خىتاينىڭ گوللاندىيەدىكى كونسۇلخانىسى 24-فېۋرال گوللاندىيەنىڭ دەنھاگ شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىناسىدا خىتاي چاغىنىنى تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزگەن بولۇپ، گوللاندىيەدە ياشاۋاتقان ياش ئۇيغۇر پائالىيەتچى ئابدۇراھمان ئۇيغۇر پائالىيەت سورۇنىغا ئېتىلىپ كىرىپ نارازىلىق بىلدۈرگەن ھەمدە «خىتاي ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختات»، «شەرقىي تۈركىستان خىتاينىڭ بىر پارچىسى ئەمەس» دەپ شوئار توۋلاپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ساختىپەزلىكىنى، يالغان تەشۋىقاتىنى ۋە ھەقىقىي ئەپتى-بەشىرىسىنى ئېچىپ تاشلاپ، سورۇندىكى خىتايلارنى ۋەھىمىگە سالغان.
چاغان بايرىمىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىنىڭ بىرىنچى بۆلۈمى ئاخىرلىشىپ، خىتاينىڭ گوللاندىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانا خادىملىرى، سەنئەتچىلىرى خاتىرە رەسىمگە چۈشۈشكە باشلىغان پەيتتە، قولىدا «شەرقىي تۈركىستان خىتاينىڭ بىر پارچىسى ئەمەس» دېگەن پىلاكاتنى كۆتۈرگەن ئۇيغۇر يىگىت ئابدۇراھمان ئۇيغۇر سەھنىگە چىقىپ جاراڭلىق ئاۋازدا: «خىتاي ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختات»، «شەرقىي تۈركىستان خىتاينىڭ بىر پارچىسى ئەمەس» دەپ شوئار توۋلىغان بولۇپ، ساراسىمىگە چۈشكەن خىتايلاردىن ئالتە-يەتتىسى ئۇنىڭغا يوپۇرۇلۇپ كېلىپ، ئۇنى سەھنىدىن چۈشۈرۈشكە ۋە قولىدىكى پىلاكاتنى ئېلىۋېلىشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ، ئۇنىڭغا كۈچى يەتمىگەن ۋە بىر ھازادىن كېيىن تەسلىكتە ئۇنى سەھنىدىن چىقىرالىغان ۋە ساقچىلار ئابدۇراھماننى ساقچىخانىغا ئېلىپ بېرىپ، ئۇنىڭغا جەرىمانە قويىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەندىن كېيىن قويۇپ بەرگەن.
بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان پائالىيەتچى ئابدۇرېھىم غېنى ئەپەندى ۋەقەنىڭ تەپسىلاتىنى ھەققىدە توختىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ گوللاندىيە دەنھاگ شەھىرىنىڭ ھۆكۈمەت بىناسىدا خىتاي چاغىنىنى تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزمەكچى بولغانلىقىدىن ئۈچ كۈن بۇرۇن خەۋەر تاپقانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن گوللاندىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار، خوڭكوڭلۇقلار ۋە تىبەتلەر بىرلىكتە خىتاي چاغان بايرىمىنى ئۆتكۈزمەكچى بولغان ھۆكۈمەت بىناسى ئالدىدا خىتايغا قارشى نامايىش قىلىش ئۈچۈن تەستىق ئالغانلىقىنى، نامايىش باشلىنىپ بىرەر سائەت ئۆتكەندىن كېيىن، نامايىش قىلىۋاتقانلاردىن ئۈچ ئۇيغۇر خىتاينىڭ خەلقئارا جەمئىيەتنى ئالداش ئۈچۈن مەزكۇر چاغان پائالىيىتىگە شەرقىي تۈركىستاندىن ئۇيغۇرلارنى قاتناشتۇرغان-قاتناشتۇرمىغانلىقىنى بىلىپ بېقىش ئۈچۈن پائالىيەت سورۇنىغا كىرگەنلىكىنى، مەيدانغا كىرىشتىن بۇرۇن ئابدۇرېھىم غېنى، ئابدۇراھمان ئۇيغۇر، ئىلشات، قۇربانجان، ئېلىجان، زەيتۇنە ۋە ئۇنىڭ ئاپىسى بولۇپ يەتتە كىشى خىتاينىڭ بۇ پائالىيەت ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق مەسىلىسىدە خەلقئارا جەمئىيەتنى ئالداش ھەرىكىتىنى توسۇپ قېلىشنى پىلانلىغانلىقىنى بىلدۈردى.
بۇ پىلان بويىچە ئابدۇرېھىم غېنى، ئابدۇراھمان ئۇيغۇر، ئېلىجان قاتارلىق ئۈچ كىشى پائالىيەت مەيدانىغا كىرگەن بولۇپ، ئۇلار مەيداننىڭ بىر تەرىپىدە خىتايلارنىڭ ئۆز بالىلىرىغا ئۇيغۇرچە كىيىم كىيدۈرۈپ، نومۇر كۆرسىتىشكە تەييارلاۋاتقانلىقىنى، بۇ ئارقىلىق خەلقئارا جەمئىيەتنى ئالداشقا تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقىنى بايقىغان. شۇنىڭ بىلەن ئالتە كىشى مەسلىھەتلىشىپ، ئۇيغۇرچە كىيىم كىيگەن خىتاي قىزلىرى سەھنىگە چىققان ھامان شەرقىي تۈركىستان بايرىقىنى، «شەرقىي تۈركىستان خىتاينىڭ بىر پارچىسى ئەمەس» دەپ يېزىلغان پىلاكاتنى، جازا لاگېرىدا يېتىۋاتقان ئائىلە ئەزالىرىنىڭ رەسىملىرىنى كۆتۈرۈپ ئوتتۇرىغا چىقىپ: «خىتايلار يالغان تەشۋىقات قىلىۋاتىدۇ، بۇلارنىڭ ھېچقايسىسى ئۇيغۇر ئەمەس... ھەقىقىي ئۇيغۇرلار مانا بىز!» دەپ، خىتاينىڭ ساختىپەزلىكىنى ۋە يالغان تەشۋىقات بىلەن خەلقئارا جەمئىيەتنى ئالداشقا ئۇرۇنۇشتىن ئىبارەت نومۇسسىزلىقىنى ئېچىپ تاشلاشنى پىلانلىغان.
ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ كىيىملىرى كىيدۈرۈلۈپ، نومۇر ئورۇنداشقا تەييار تۇرۇۋاتقان كىچىك خىتاي قىزلىرى سەھنىگە چىقىشتىن بۇرۇن خىتاي رىياسەتچى پائالىيەتنىڭ ئاخىرقى باسقۇچقا بېرىپ قالغانلىقىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇنى ئاڭلىغان ئابدۇراھمان ئۇيغۇر پۇرسەتنى ئۆتكۈزۈۋەتمەسلىك ئۈچۈن، سەھنىگە ئېتىلىپ چىقىپ شوئار توۋلاپ نارازىلىق ھەرىكىتىنى باشلىغان. ئۈستى قەۋەتتىكى ئۇيغۇرلار سەھنىگە چۈشۈپ بولغۇچە، ساقچىلار ئۇلارنى توسۇۋالغان. شۇنداقلا ئابدۇراھماننىمۇ ساقچىلار سەھنىدىن ئېلىپ چىقىپ كەتكەن. بۇ سەۋەبلىك نارازىلىق ھەرىكىتىگە ھەممە كىشى قاتنىشالمىغان بولسىمۇ، بىراق بۇ قېتىملىق ھەرىكەتتىكى ئاساسىي مەقسەت ھاسىل بولغان.
گەرچە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىدىن خەلقئارا جەمئىيەتتىن يوشۇرۇش رەزىل مەقسىتىدە يالغان تەشۋىقاتلىرىنى داۋام قىلىۋاتقانلىقى مۇھاجىرەتتىكى بارلىق ئۇيغۇرلارغا ئايان بولسىمۇ، بىراق بۇ قېتىمقىدەك خىتاينىڭ يالغان تەشۋىقاتىنى نەق مەيداندا پاش قىلىش ھەرىكىتى كۆرۈلۈپ باقمىغانىدى.
بۇ قېتىم ئىنسانىيلىقتىن ئەخلاقتىن زەررىچىلىك نېسىۋە ئالالمىغان ۋە مىليونلىغان ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنى ئاتا-ئانىلىرىدىن مەجبۇرىي ئايرىپ، ئاتالمىش ياتاقلىق مەكتەپلەر نامىدىكى بالىلار لاگېرىدا خىتايلاشتۇرۇش، مېڭە يۇيۇش قاتارلىق قەبىھ جىنايەتلەرنى ئۆتكۈزۈۋاتقان خىتاينىڭ گوللاندىيەدىكى رەسمىي ئورگىنىنىڭ خىتاي بالىلىرىغا ئۇيغۇرلارنىڭ كىيىملىرىنى كىيدۈرۈپ، خىتايچە تېكىست ئىچىگە بۇزۇۋېتىلگەن ئۇيغۇرچە سۆزلەرنى كىرگۈزۈپ ئېيتىلغان ناخشا-ئۇسسۇلغا سېلىشى ۋە ئۇلارنى «شىنجاڭلىق قىزلار» دەپ تونۇشتۇرۇشى خىتاينىڭ مەقسىتىگە يېتىشتە ھەرقانداق ۋاسىتە تاللىمايدىغانلىقىنى، ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن ھەر قانداق ئەخلاقسىزلىقتىن يانمايدىغانلىقىنى ئېچىپ بەردى.
ئابدۇرېھىم غېنى ئەپەندىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، پائالىيەتتىكى خىتايلارنىڭ ئابدۇراھمان ئۇيغۇرغا يوپۇرۇلۇپ كېلىپ، ئۇنى يەرگە بېسىشى گوللاندىيە قانۇنىغا ئاساسەن قانۇنسىزلىق بولۇپ، نۆۋەتتە ئۇلار بۇ سىندىكى دەلىللەرگە ئاساسەن، مەزكۇر خىتايلار ئۈستىدىن ئەرز قىلىدىكەن.
يىللاردىن بېرى شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى ئۈچۈن ئاكتىپ ھەرىكەت قىلىۋاتقان، خۇسۇسەن ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئەرەب-ئىسلام دۇنياسىغا كۆپلەپ تونۇشتۇرۇپ كېلىۋاتقان ياش ئۇيغۇر پائالىيەتچى ئابدۇراھمان ئۇيغۇرنىڭ بۇ جاسارەتلىك ھەرىكىتى تور دۇنياسىدا زور تەسىر قوزغىدى ۋە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنى خۇرسەن قىلدى.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ