خىتاي شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە قارىتىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» سىياسىي كېڭەشنىڭ 2024-يىللىق كېڭىشىش پىلانىنى بېكىتكەن بولۇپ، پىلاندا ئاتالمىش «ئىسلام دىنىنى خىتايچىلاشتۇرۇشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش» سىياسىتىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن.
ئاتالمىش «شىنجاڭ كۈندىلىك گېزىتى»نىڭ 19-يانۋار خەۋەر قىلىشىچە، ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» سىياسىي كېڭەش -2024يىللىق كېڭىشىش پىلانى بېكىتكەن بولۇپ، پىلاندا يەنە «شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش، ئىسلام دىنىنى خىتايچىلاشتۇرۇشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك» دەپ جار سېلىنغان.
خىتاي رېجىمى يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان خىتاينىڭ ئىشغالىيەت سىياسىتى بىلەن قارشىلىشىپ كېلىۋاتقان ئىسلام دىنى ۋە ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنى يوقىتىش ۋە قىرغىن قىلىش ئۈچۈن، مۇناسىۋەتلىك ئاتالمىش يېڭى قانۇنلارنى تۈزۈپ چىقىپ مەجبۇرىي ئىجرا قىلغانىدى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن 2018-يىلىدىن 2022-يىلىغىچە بولغان بەش يىل ئىچىدە شەرقىي تۈركىستاندا ئىسلام دىنىنى خىتايلاشتۇرۇشنىڭ قانۇنلاشتۇرۇلغانلىقى ئېلان قىلغانىدى. خىتاي مەزكۇر پىلانغا ئاساسەن، ئىسلام دىنىغا قارشى تېررور سىياسىتىنى تېز سۈرئەتتە ئىجرا قىلىۋاتقان بولۇپ، شەرقىي تۈركىستاندا ھازىرغا قەدەر 16 مىڭغا يېقىن مەسچىت چېقىۋېتىلدى ياكى بۇزۇۋېتىلدى. ساق قالغان بىر قىسىم مەسچىتلەر قاۋاقخانا، چايخانا دېگەندەك باشقا پائالىيەت سورۇنلىرىغا ئۆزگەرتىلدى. ئۇندىن باشقا دىنغا ئالاقىدار بارلىق ئىش-ھەرىكەتلەر تولۇق چەكلەنگەن بولۇپ، خەلق ئىسلامدىن پۈتۈنلەي ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلانماقتا.
خىتاي بۇ خىل تېررور سىياسىتى بىلەن توختاپلا قالماي، 2024-يىلىنى ئاتالمىش «ئىسلام دىنىنى خىتايچىلاشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش يىلى» قىلىپ پىلانلىغان. ھالبۇكى، خىتاي خىتايغا مايىل دۆلەت ۋە شەخسلەرنى تەكلىپ قىلىپ، شەرقىي تۈركىستاننى چەكلىك تەرىقىدە زىيارەت قىلدۇرۇپ، ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى، خۇسۇسەن ئىسلام دىنى ۋە مۇسۇلمانلارنى باستۇرۇش جىنايى قىلمىشلىرىنى خەلقئارا جەمئىيەتتىن يوشۇرۇشقا ئۇرۇنماقتا.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ