خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى گېرمانىيەنىڭ مىيۇنخېن شەھىرىدە ئېچىلغان بىخەتەرلىك يىغىنىدا شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە ئالاقىدار سوئالغا دۇچ كەلدى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ ئالاقىدار خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى 18-فېۋرال گېرمانىيەنىڭ مىيۇنخېن شەھىرىدە ئېچىلغان دۇنيا بىخەتەرلىك يىغىنى خىتاي مەسىلىلىرى مەخسۇس سەھنىسىدە شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى ھەققىدىكى سوئالغا دۇچ كەلگەن.
رىياسەتچى ۋاڭ يىدىن تەيۋەن، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى، جۈملىدىن مەجبۇرىي ئەمگەككە ئالاقىدار سوئاللارنى سورىغان. ۋاڭ يى ھىيلىگەرلىك بىلەن رىياسەتچىسىنىڭ سوئالىنى قاتتىق ھەيران قالغان قىياپەتتە ئاڭلىغان.
ئۇ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى ھەققىدە بىلجىرلاپ: «شىنجاڭدا ئاپتونوم رايون قۇرۇلغاندىن بۇيان، ئۇيغۇر نوپۇسى ئەسلىدىكى 3 مىليوندىن كۆپىيىپ، ھازىرقى 12 مىليونغا يەتتى. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقى ئوتتۇرىچە ئۆمرى ئەسلىدىكى 30 ياشتىن 75.6 ياشقا يۈكسەلگەن ياشاش شارائىتىغا ئېرىشتى. بۇ كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۈلگىسى ئەمەسمۇ؟ بارلىق مىللەتلەرنىڭ دىنىي ئېتىقادى ئەركىنلىكى ياخشى قوغدالماقتا. مۇسۇلمانلار يېتەرلىك دىنىي سورۇنلاردىن بەھرىمەن بولماقتا، ھۆكۈمەت يەنە مەسچىتلەرنى رېمونت قىلىش ۋە ئاسراش ئىشلىرىنى مەبلەغ بىلەن تەمىنلەيدۇ. ھۆكۈمەت ھۆججەتلىرى ۋە دۇكان ناملىرىنىڭ ھەممىسى قوش تىلدا يېزىلىدىغان بولۇپ، ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر قايسى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تىلى ۋە مەدەنىيىتى قوغدالدى» دېگەن.
ۋاڭ يى جاۋابىنىڭ ئاخىرىدا يەنە: «خىتاينىڭ تېز تەرەققىي قىلغىنىنى كۆرگەن قىسمەن دۆلەتلەر خىتاينى چەكلەش مەقسىتىدە، شىنجاڭ ھەققىدە يالغان توقۇپ، شىنجاڭنى قالايمىقانلاشتۇرۇش ۋە بۇ ئارقىلىق خىتاينىڭ تەرەققىياتى ۋە گۈللىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئۇرۇندى. مىڭ ئاڭلىغاندىن بىر كۆرگەن ئەلا. كۆپچىلىكىنىڭ شىنجاڭغا بېرىپ ئەمەلى ئەھۋالنى كۆرۈپ بېقىشىنى تەلەپ قىلىمەن» دەپ چالۋاقىغان.
ھالبۇكى، خىتاي ئىشغالىيەت تارىخىدىن باشلاپ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ھەرخىل باھانىلەر بىلەن باستۇرۇپ كەلگەن بولۇپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئاتالمىش «تېررورلۇققا زەربە بېرىش»، «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش»، «جۇڭخۇا مەدەنىيىتىدىن ئوزۇقلاندۇرۇش»، «ئىسلام دىنىنى خىتايلاشتۇرۇش»... دېگەندەك ناملار بىلەن ئوچۇق-ئاشكارا ھالدا شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئېتىقادىنى، مەدەنىيىتىنى، تىل-يېزىقىنى، ئەنئەنىلىرىنى ئۈزۈل-كېسىل چەكلىدى ۋە ھەرخىل تۆھمەتلەر بىلەن مىليونلىغان ئۇيغۇرلار ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەرنى جازا لاگېرى ۋە تۈرمىلەرگە قاماپ، ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈپ كەلدى. 16 مىڭدىن ئارتۇق مەسچىتنى چېقىۋەتتى ياكى بۇزۇۋەتتى.
خەلقئارالىق ئىنسانىي ھوقۇق تەتقىقات ئورگانلىرى ۋە ئالاقىدار مۇتەخەسسىسلەر خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا نەچچە مىليون ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەرنى جازا لاگېرى ۋە تۈرمىلەرگە سولاپ قىيىن-قىستاققا ئالغانلىقى، تۇتقۇنلارنى شەرقىي تۈركىستان ۋە خىتاي ئۆلكىلىرىدە مەجبۇرىي ئەمگەككە سالغانلىقى ھەققىدە دوكلاتلارنى ئېلان قىلىپ كەلمەكتە. ھالبۇكى، خىتاي رېجىمى ئىزچىل تۈردە ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى ئىنكار قىلماقتا.
ۋاڭ يىنىڭ يۇقىرىقى سۆزلىرىنىڭ يالغانلىقىنى تۆۋەندىكى پاكىتلار ئىسپاتلايدۇ:
خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش تەشكىلاتى 2024-يىللىق يەرشارىۋى دوكلاتىدا شى جىنپىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن بۇيانقى ئون يىل ئىچىدە پۈتۈن خىتايدىكى ئىنسانىي ھەق-ھوقۇقلارنى باستۇرۇشنىڭ بارغانچە كۈچەيگەنلىكىنى، شەرقىي تۈركىستاندا ئاللىبۇرۇن ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئەنگلىيە شېفىلد ھالام ئۇنىۋېرسىتېتى 2023-يىلى 6-دېكابىر ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە ئائىت «شەرقىي تۈركىستاندىن ياۋروپاغىچە بولغان كىيىم-كېچەك تەمىنلەش زەنجىرىنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش» ناملىق دوكلاتنى ئېلان قىلىپ، ياۋروپادىكى داڭلىق كىيىم-كېچەك ماركىلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن زىچ مۇناسىۋىتى بارلىقىنى ئاشكارىلىدى.
2023-يىلى 18-ئۆكتەبىر بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنىدا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى توغرىسىدا بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىندى. بىرلەشمە باياناتقا ئەنگلىيە باشلىق 51 دۆلەت ئىمزا قويدى.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ سابىق ئىنسان ھەقلىرى ئالىي كومىسسارى مىشېل باچېلېت 2022-يىلى 31-ئاۋغۇست ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى توشقان ئاخىرقى پەيتلەردە، شەرقىي تۈركىستانغا ئالاقىدار دوكلاتنى ئېلان قىلدى. مەزكۇر 48 بەتلىك دوكلاتتا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرگە قاراتقان قىلمىشلىرىنىڭ «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» شەكىللەندۈرگەن بولۇشى مۇمكىنلىكى تەكىتلەندى.
ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيەلىك سىياسەت ئىنستىتۇتى (ASPI) 2021-يىلى 12-مايدا ئېلان قىلغان دوكلاتىدا خىتاينىڭ 2017-يىلى 4-ئايدىن باشلاپ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلغان ئاتالمىش «قانۇنسىز تۇغۇشقا زەربە بېرىش» ھەرىكىتى سەۋەبلىك، شەرقىي تۈركىستاندىكى تۇغۇلۇش نىسبىتىنىڭ مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە تۆۋەنلىگەنلىكىنى، 2017-يىلىدىن 2019-يىلىغىچە بولغان ئىككى يىل ئىچىدىلا شەرقىي تۈركىستاندىكى تۇغۇلۇش نىسبىتىنىڭ %48.74 تۆۋەنلىگەنلىكىنى، بۇنىڭ سۇرىيەدىكى ئىچكى ئۇرۇش ياكى رىۋاندا ۋە كامبودژا ئىرقىي قىرغىنچىلىقى مەزگىلىدىكى نوپۇس تۆۋەنلەشتىنمۇ ئېشىپ كەتكەنلىكىنى كۆرسىتىپ ئۆتتى.
نىيۇيورك ۋاقىت گېزىتى 2020-يىلى دېكابىر ئېيىدا ئېلان قىلغان خەۋىرىدە خىتاي رېجىمىنىڭ 2017-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە شەرقىي تۈركىستاندا 500 مىڭ ئۇيغۇر ئۆسمۈرنى ئائىلىسىدىن ئايرىۋەتكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ تۈرلۈك ناملار بىلەن پەردازلانغان بالىلار لاگېرىغا يىغىۋېلىنغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. نۆۋەتتە بۇ ساننىڭ تېخىمۇ قورقۇنچلۇق دەرىجىدە ئاشقانلىقىنى مۆلچەرلەنمەكتە. بۇلاردىن سىرت يەنە كۆپلىگەن نوپۇزلۇق دوكلاتلار، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقىلىۋاتقان چەكلىك ئۇچۇرلار خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ھەممە ساھەگە چېتىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى پاش قىلماقتا.
كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن، بىر نەچچە يىلدىن بېرى غايەت زور سوممىدا مەبلەغ سېلىپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ساياھەت رايونلىرىنى تەسىس قىلغانلىقىنى، ساياھەتچىلەرنىڭ پەقەتلا خىتاي مەخسۇس تەسىس قىلغان رايوندا ھەرىكەت قىلغاندىن باشقا، باشقا رايونلاردا ھەرىكەت قىلىشىنىڭ چەكلىنىدىغانلىقىنى، ئەمما شەرقىي تۈركىستاندا ئىلگىرىكىگە ئوخشاش ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى، كۆز بويايدىغان يالغان سەھنىلەر تەييار بولغاچقا، خىتاي ئەمەلدارى ۋاڭ يى چەت ئەللىكلەرنى خاتىرجەم ھالدا شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلىشقا چاقىرغانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ