خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا ئون مىڭ مېتىرلىق چوڭقۇرلۇقتا قۇدۇق بۇرغىلاشقا باشلىدى

خىتاي شەرقىي تۈركىستاننىڭ نېفىت بايلىقىنى تېخىمۇ زور كۆلەمدە بۇلاڭ-تالاڭ قىلىش ئۈچۈن، دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭقۇرلۇقتا قۇدۇق بۇرغىلاشقا باشلىغان.

شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي تەشۋىقات ئورگىنى تەڭرىتاغ تورىنىڭ 16-فېۋرال خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي رېجىمى شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىم ئويمانلىقىغا 10 مىڭ مېتىرلىق چوڭقۇر قۇدۇق − چوڭقۇر يەر قاتلىمى «تاكې 1-قۇدۇقى» 9900 مېتىردىن ئارتۇق بۇرغىلىنىپ بولغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، چوڭقۇر يەر قاتلىمى «تاكې 1-قۇدۇقى»نىڭ لايىھەدىكى قۇدۇق چوڭقۇرلۇقى 11 مىڭ 100 مېتىر بولۇپ، ئاقسۇ ۋىلايىتى شايار ناھىيەسى تەۋەسىگە، تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ ئىچكىرىسىگە جايلاشقان.

خىتاي رېجىمى ئادەتتىن تاشقىرى چوڭقۇر قۇدۇقنى بۇرغىلاش-چارلاشنى شەرقىي تۈركىستاندا كۆپلەپ سىناق قىلغان بولۇپ، نۆۋەتتە چوڭقۇرلۇقى 8000 مېتىردىن ئاشىدىغان قۇدۇقتىن جەمئىي 253 تاماملانغان. بۇ قۇدۇقلار ئاساسلىقى شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىم، جۇڭغار ئويمانلىقلىرىغا، شۇنداقلا خىتاينىڭ سىچۈەن ئۆلكىسىگە جايلاشقان. تارىم ئويمانلىقىدا 8000 مېتىرلىق قۇدۇق قېزىش دائىملىق ھالەت بولۇپ قالغان بولۇپ، 9000 مېتىرلىق قۇدۇق قېزىشتا ئاچقۇچلۇق تېخنىكىغا ئايلانغان.

خىتاي مۇتەخەسسىسلىرى ئەگەر چوڭقۇر يەر قاتلىمى «تاكې 1-قۇدۇقىدىن» 10 مىڭ مېتىر چوڭقۇرلۇقتا يېڭى نېفىت-تەبىئىي گاز قاتلىمى بايقالسا، تارىم نېفىت سانائىتى ئۈچۈن زور تەرەققىيات ھېسابلىنىدىغانلىقىنى، تارىم ئويمانلىقىدىكى 10 مىڭ مېتىرلىق ئادەتتىن تاشقىرى چوڭقۇر قاتلاملىق چارلاش-ئېچىش تەجرىبىسىنى جۇڭغار ئويمانلىقىدا كۆپەيتىپ كېڭەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي رېجىمى بۇندىن ئىلگىرىكى خەۋەرلىرىدىمۇ شەرقىي تۈركىستاندىكى بۇندىن ئىلگىرى ئىشلىتىلىشتىن، بۇرغىلاشتىن توختىغان نۇرغۇن نېفىت، تەبىئىي گاز قۇدۇقلىرىنى قايتا ئىشقا كىرىشتۈرگەنلىكىنى، يېڭى تېخنىكىلار بىلەن بۇرغىلاشقا باشلىغانلىقىنى خەۋەر قىلغانىدى.

كۆزەتكۈچىلەر شەرقىي تۈركىستاندىن چىققان بايلىقلارنىڭ ھەقىقىي ئىگىلىرى بولغان يەرلىك خەلقنىڭ ھېچقانداق مەنپەئەتكە ئېرىشەلمىگەنلىكىنى، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە ماس ھالدا، شەرقىي تۈركىستاننىڭ بايلىقىنى يېڭى تېخنىكىلار، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۈسكۈنىلەر ئارقىلىق تېخىمۇ زور كۆلەمدە بۇلاڭ-تالاڭ قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 3816 قېتىم كۆرۈلدى
17/02/2024 12:51:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق