ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدە يەنە يەر تەۋرىدى

15-فېۋرال ئاقسۇ ۋىلايىتى ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدە 4.7 بال يەر تەۋرىگەن.

خىتاي يەر تەۋرەشتىن مەلۇمات بېرىش تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 15-فېۋرال ئۈرۈمچى ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 09:52 دا ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدە (شىمالىي كەڭلىك 41.30° گىرادۇس، شەرقىي ئۇزۇنلۇق 78.78 گىرادۇس) 4.7 بال يەر تەۋرىگەن، تەۋرەش مەنبەسىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 10 كىلومېتىر بولغان. 

خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرى يەر تەۋرەشنىڭ تاغلىق رايوندا ياكى ئاھالىلەر رايونىدا يۈز بەرگەنلىكى، ئۆلۈم-يېتىم، تۈرلۈك زىيانلار ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇمات بەرمىگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 3701 قېتىم كۆرۈلدى
15/02/2024 11:14:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق