14-فېۋرال قەشقەر ۋىلايىتى پەيزىۋات ناھىيەسىدە 3.9 بال يەر تەۋرىدى.
خىتاي يەر تەۋرەشتىن مەلۇمات بېرىش تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 14-فېۋرال ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 01:10 دا پەيزىۋات ناھىيەسىدە (شىمالىي كەڭلىك 39.69 گىرادۇس، شەرقىي ئۇزۇنلۇق 77.63 گىرادۇس) 3.9 بال يەر تەۋرىگەن، تەۋرەش مەنبەسىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 24 كىلومېتىر بولغان.
خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ قېتىمقى يەر تاغلىق رايوندا يۈز بەرگەن بولۇپ، يەر تەۋرەش مەركىزىنىڭ بەش كىلومېتىر دائىرىسىنىڭ ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى دېڭىز يۈزدىن تەخمىنەن 1115 مېتىر ئېگىز ئىكەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ