ئاقساراي بايدېننىڭ تىك توك ھېسابى ئېچىشى ھەققىدە ئىنكاس قايتۇردى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جوۋ بايدېننىڭ سايلام گۇرۇپپىسىنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمەت ئۈسكۈنىلىرىدە چەكلەنگەن خىتاي ئەپ دېتالى تىك توكتا ھېساب ئېچىشى كۈچلۈك غۇلغۇلا ۋە نارازىلىق قوزغىغاندىن كېيىن، ئاقساراي بۇ ھەقتە ئىنكاس قايتۇردى.

خىتاي ئەپ دېتالى تىك توك بىخەتەرلىك تەھدىتى سەۋەبلىك كۆپ قېتىم ئەيىبلەنگەن، تەكشۈرۈلگەن ۋە ئامېرىكىنىڭ ھۆكۈمەت ئۈسكۈنىلىرىدە ئىشلىتىشى چەكلەنگەن بولسىمۇ، ئامېرىكا پىرېزىدېنتلىق سايلىمىنىڭ يېقىنلىشىشىغا ئەگىشىپ، بايدېننىڭ سايلام گۇرۇپپىسىنىڭ تىك توكتا ھېساب ئېچىشى كۈچلۈك تەنقىدكە دۇچ كەلدى. ئاقساراي 12-فېۋرال بۇ ھەقتە ئىنكاس قايتۇرۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە بولغان ئەندىشىسىنىڭ ئۆزگەرمىگەنلىكىنى، تىك توكنىڭ ھۆكۈمەت ئۈسكۈنىلىرىدە داۋاملىق چەكلىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئاقساراي دۆلەت بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ باياناتچىسى جون كىربى: «دۆلەت بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، تىك توكنىڭ ھۆكۈمەت ئۈسكۈنىلىرىدە ئىشلىتىلىشىگە مۇناسىۋەتلىك دۆلەت بىخەتەرلىك ئەندىشىسىدە ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىدى. بۇ سىياسەت يەنىلا كۈچكە ئىگە» دېگەن.

ئاقساراي يەنە 2022-يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئامېرىكا پارلامېنتى تەستىقلىغان، ھۆكۈمەت ئۈسكۈنىلىرىدە خىتاي سىن ئورتاقلىشىش ئەپ دېتالى تىك توكنى ئىشلىتىشنى چەكلەيدىغان قانۇننىڭ يەنىلا كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئىگىلىنىشچە، ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ قارمىقىدىكى چەت ئەلگە مەبلەغ سېلىش كومىتېتى 2023-يىلى 3-ئايدا تىك توكنىڭ خىتاي خوجايىنلىرىدىن شىركەتنىڭ پېيىنى سېتىۋېتىشنى، بولمىغاندا بۇ دېتالنىڭ چەكلىنىش ئېھتىماللىقى بارلىقىنى تەلەپ قىلغانىدى. ئەمما ئامېرىكا ھۆكۈمىتى شۇنداق ھالەتتىمۇ تىك توكنى پۈتۈنلەي چەكلىمىگەنىدى.

ئاقساراي ئاخبارات كاتىپى كارىن ژان پىيېر دۈشەنبە كۈنى ئامېرىكىدىكى چەت ئەل مەبلەغ سېلىش كومىتېتىنىڭ تەكشۈرۈش خىزمىتىنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى، ئاقساراينىڭ ئىلگىرى بىر قىسىم پارلامېنت ئەزالىرى ئوتتۇرىغا قويغان قانۇننى قوللاپ، ھۆكۈمەتكە چەت ئەلنىڭ تەھدىتىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن يېڭى قورال، ۋاسىتىلەرنى تەمىنلىگەنلىكىنى تىلغا ئالغان.

ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى ئىستىخبارات كومىتېتىنىڭ رەئىسى مارك ۋارنېرمۇ خىتاي ئىگىدارچىلىقىدىكى تىك توكنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى ۋە بايدېن سايلام گۇرۇپپىسىنىڭ تىك توكقا قوشۇلۇش قارارىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان. ئۇ بۇ ھەقتە يەنە: «مېنىڭچە بىز يەنىلا ھىندىستاننىڭ يولىنى ئۈلگە قىلىشىمىز كېرەك. ھىندىستان تىك توكنى ئاللىبۇرۇن چەكلىدى. مەن ھۆكۈمەتنىڭ بۇ خىل قالايمىقان ئۇچۇر تارقىتىشىدىن ئەندىشە قىلىمەن» دېگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1906 قېتىم كۆرۈلدى
13/02/2024 12:21:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق