ئەنگلىيە ھەربىي ئىستىخبارات ئەمەلدارى يېقىندا ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، خىتاينىڭ ئاۋازدىن تېز باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىغا قارشى تەييارلىق قىلىش، زەربە بېرىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.
فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ 11-فېۋرال خەۋەر قىلىشىچە، ئەنگلىيە ھەربىي ئىستىخبارات ئەمەلدارى ئەنگلىيە زېمىنىنى قوغداش، مەۋجۇتلۇقنى ساقلاش ئۈچۈن، زۆرۈر تېپىلغاندا خىتاينىڭ «دۇڭفېڭ-27» قاتارلىق ئاۋازدىن تېز باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرى ۋە چەت ئەلدىكى ھەربىي بازىلىرىغا قارشى تەييارلىق كۆرۈش، زۆرۈر بولغاندا زەربە بېرىش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
مەركىزىي ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ 11-فېۋرال لوندوندىن خەۋەر قىلىشىچە، بىر قىسىم ئەنگلىيە تاراتقۇلىرى يېقىندا ئەنگلىيەنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا جايلاشقان كەمبرىجېشىردىكى ۋايتون ھاۋا ئارمىيە بازىسىغا بېرىپ، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ھەربىي ئىستىخبارات ئەسلىھەلىرىنى زىيارەت قىلغان. دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ھەربىي ئىستىخبارات مەركىزىدىن بىرى بولغان مەزكۇر ئورگان يەنە ئەنگلىيە، ئامېرىكا، كانادا، ئاۋسترالىيە ۋە يېڭى زېللاندىيە قاتارلىق «بەش كۆز ئىتتىپاقى»غا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ خادىملىرى ئىستىخبارات ئۇچۇرلىرىنى توپلايدىغان، ئورتاقلىشىدىغان ۋە تەھلىل قىلىدىغان ئورنى ھېسابلىنىدىكەن. تەيۋەن بوغۇزىنىڭ ۋەزىيىتى، خىتاي رېجىمىنىڭ ھەرىكەتلىرى ۋە خىتاي ھەربىي پەن-تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىنى كۆزىتىش مەزكۇر ئورگان دىققەت قىلىدىغان مەسىلىلەر ئىكەن.
بىلدۈرۈلۈشىچە، قورال مۇتەخەسسىسلىرى خىتاينىڭ «دوڭفېڭ-27» ناملىق ئاۋازدىن بەش ھەسسە يۇقىرى سۈرئەتكە ئىگە، قارشى تەرەپنىڭ بايقىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن يۆنىلىشنى ئۆزگەرتەلەيدىغان قورال بولۇپ، ئۇنىڭ مۇساپىسى تەخمىنەن 5000 كىلومېتىر ئىكەن. مەزكۇر قورال رايوندا ئېغىر تەھدىت پەيدا قىلىدىكەن.
خىتاينىڭ مەزكۇر تېخنىكا ئىقتىدارىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئەنگلىيە ھەربىي ئىستىخبارات ئەمەلدارى خىتايدىن كېلىدىغان تەھدىتنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك بولۇشى مۇمكىنلىكىنى، بۇنىڭ ئۈچۈن ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ زۆرۈر تەييارلىقلارنى قىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ