تۆت خىتاي شىركىتى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ جازا پىلانىغا كىرگۈزۈلدى

ياۋروپا ئىتتىپاقى رۇسىيەگە قاراتقان يېڭى بىر نۆۋەتلىك جازا تىزىملىكىنى ئېلان قىلىش ئالدىدا تۇرغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە تۆت خىتاي شىركىتىمۇ بار ئىكەن.

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ 11-فېۋرال خەۋەر قىلىشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقى رۇسىيەنىڭ ئۇرۇش قىلىشىغا ياردەم بەرگەن چەت ئەل شىركەتلىرىگە قارىتا يېڭى بىر نۆۋەتلىك جازا ئېلان قىلىش ئالدىدا تۇرغان بولۇپ،  تۆت خىتاي شىركىتىمۇ تىزىملىكتە ئىكەن. مەزكۇر جازا قارارى 24-فېۋرالدىن، يەنى رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرىشىنىڭ ئىككى يىللىق كۈنىدىن بۇرۇن رەسمىي ئېلان قىلىنىدىكەن.

ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاي، قازاقىستان، سېربىيە قاتارلىق بىر قىسىم دۆلەتلەردىكى رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىش ئۇرۇشىغا ياردەم بەرگەن 21 ھەربىي ۋە تېخنولوگىيە شىركىتىگە جازا يۈرگۈزۈشكە تەييارلىق قىلغان. ئالاقىدار ھۆججەتتە يەنە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ شى جىنپىڭدىن رۇسىيەنى مال بىلەن تەمىنلىگەنلىكى ئېنىقلانغان 13 خىتاي شىركىتىنى بىر تەرەپ قىلىشنى تەلەپ قىلغانلىقى كۆرسىتىلگەن.

ئىگىلىنىشچە، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ جازا پىلانىدا تىلغا ئېلىنغان تۆت خىتاي شىركىتى گۇاڭجۇ، شېنجېن، خوڭكوڭ ۋە باشقا جايلاردا تىزىمغا ئالدۇرۇلغان شىركەتلەر بولۇپ، مەزكۇر شىركەتلەر سودا، ئۆزەك ۋە باشقا تېخنىكا سانائىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ھازىرغا قەدەر ياۋروپا ئىتتىپاقى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ چەكلىمىسىگە قارىماي رۇسىيەگە ياردەم بەرگەن ئۈچ خىتاي شىركىتىگە جازا بەرگەن. بۇنىڭدىن باشقا، رۇسىيەنى ھەل قىلغۇچە ياردەملەر بىلەن تەمىنلىگەن خىتاي شىركىتىنى جازالىغان. رۇسىيەنى ھەربىي ئۈسكۈنىلەر بىلەن تەمىنلەيدىغان خىتاي شىركەتلىرىنىڭ كۈنسېرى كۆپىيىشى سەۋەبلىك، ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاي بىلەن بۇ مەسىلىنى مۇزاكىرە قىلىپ كەلگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1573 قېتىم كۆرۈلدى
13/02/2024 11:27:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق