كۆك ئاي جەمئىيىتى ئۇيغۇرلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشقا تىرىشماقتا

شەرقىي تۈركىستان كۆك ئاي ئىنسانىي ياردەم جەمئىيىتى تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرىنىڭ ھەر ساھەدىكى قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئاكتىپ خىزمەت قىلماقتا.

كۆك ئاي جەمئىيىتى 29-يانۋاردىن 1-فېۋرالغىچە بولغان ئۈچ كۈن جەريانىدا تۇرمۇش قىيىنچىلىقى ئېغىر بولغان 300 ئائىلىگە ياردەم قىلدى.

جەمئىيەت بۇ قېتىم قىيىنچىلىق تارتىۋاتقان ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرىنىڭ قىش پەسلىدىن خاتىرجەم ئۆتۈۋېلىشىغا ياردەم قىلىش پىلانى بويىچە ياردەم پائالىيىتىنى تەشكىللىگەن بولۇپ، پائالىيەتتە 150 ئائىلىنىڭ ھەربىرىنىڭ 3000 تۈرك لىراسى قىممىتىدىكى گاز، توك، سۇ پۇلىنى تۆلىشىگە ياردەم قىلدى. ئۇندىن باشقا 150 ئائىلىگە كىيىم-كېچەك سېتىۋېلىش كارتىسى تارقىتىپ بەردى.

تۈركىيەدە پائالىيەت قىلىۋاتقان كۆك ئاي جەمئىيىتى قۇرۇلغان بېرى تۈركىيە ئىچى-سىرتىدىكى ھەرقايسى ئىنسانىي ياردەم تەشكىلاتلىرى ۋە ۋەقىفلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ، تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ كەلگەن بولۇپ، جەمئىيەت بۇ يىل قىشمۇ ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرىنىڭ ھەر ساھەدىكى قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئاكتىپ خىزمەت قىلدى.

جەمئىيەت بۇ يىل 13-يانۋار يەنە 330 دىن ئارتۇق كىشىگە قىشلىق ئاياغ، كىيىم-كېچەك، شۇنداقلا ھەرخىل ياشتىكى بالىلارغا ماس كېلىدىغان ئاياغ، كىيىم-كېچەك، ئەدىيال قاتارلىق ياردەم بۇيۇمى تارقىتىپ بەرگەنىدى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ 

بۇ خەۋەر 3654 قېتىم كۆرۈلدى
03/02/2024 12:22:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق