ما شىڭرۈي تۈركىيەنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى بىلەن كۆرۈشتى

ما شىڭرۈي تۈركىيەنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئىسمايىل ھەققى مۇسا ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشكەن.

خىتاي تەشۋىقات ئورگىنى شىنخۇا ئاگېنتلىقنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون»نىڭ ئىككى يىغىنى مەزگىلىدە، 30-يانۋار ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» كوممۇنىست پارتىيە كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى ما شىڭرۈي ئۈرۈمچىدە تۈركىيەنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئىسمايىل ھەققى مۇسا ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشكەن.

كۆرۈشۈشتە ئىككى تەرەپ باشلىقلىرى ھاسىل قىلغان ئورتاق تونۇشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، شەرقىي تۈركىستان بىلەن تۈركىيەنىڭ يەرلىكلەر ئارا دوستلۇقى، ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدا سۆزلەشكەن.

ما شىڭرۈي كۆرۈشۈشتە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى يوشۇرۇپ: «رەئىس شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، شىنجاڭنىڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى بېكىتىپ بەردى. بىز يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشقا ئومۇميۈزلۈك تۈرتكە بولۇپ، بىر بەلباغ، بىر يول يادرولۇق رايونى ۋە خىتاي (شىنجاڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئاسىيا-ياۋروپا ئالتۇن يولى ۋە خىتاينىڭ غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامىنى بەرپا قىلىۋاتىمىز» دەپ بىلجىرلىغان.

ما شىڭرۈي سۆزىدە يەنە ئىككى تەرەپ سودا سوممىسىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرۈش، ئاتالمىش «ئۈچ خىل كۈچ»كە زەربە بېرىش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان تېخىمۇ كۆپ ھەمكارلىق نەتىجىلىرىنى قولغا كەلتۈرۈش قاتارلىقلارنى داۋا قىلغان.

كۆرۈشۈشتە سۆز قىلغان باش ئەلچى ئىسمايىل ھەققى مۇسا ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» بىلەن ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ سودا سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، خەلق ئاۋىياتسىيەسى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىق بوشلۇقىنى كېڭەيتىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى، تۈركىيە «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشنى پائال قوللايدىغانلىقىنى، تۈركىيەنىڭ «ئوتتۇرا كارىدور» پىلانى بىلەن «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش تەشەببۇسىنى تېخىمۇ ياخشى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشنى خالايدىغانلىقىنى، تۈركىيە تەرەپ خىتاي بىلەن، بولۇپمۇ ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» بىلەن بولغان خەۋپسىزلىك جەھەتتىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، تېررورىزمغا ئورتاق زەربە بېرىش، دىن قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 3525 قېتىم كۆرۈلدى
01/02/2024 15:42:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق