ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن 2024-يىللىق «خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك ئالىي كېڭىشى» يىغىندا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئېغىر ۋەزىيىتى مۇھىم تېما سۈپىتىدە مۇزاكىرە قىلىنغان.
كېڭەش يىغىنى 30-يانۋار باشلانغان بولۇپ، ئامېرىكىنىڭ سىياسىي ۋە دىنىي ساھەسىدىكى شەخسلەر، سام بىروۋنبېك، مايك جونسون، كاترىنا سىۋېت، راشاد ھۈسەيىن، مايك پېنس قاتارلىق ئامېرىكا كېڭەش پالا ئەزالىرى ئىشتىراك قىلغان. يىغىندا خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە ئالاقىدار مۇھاكىمە ئاساس قىلىنغان.
ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى ئەزاسى جۇلىي مىلسەپ سۆز قىلىپ، نۆۋەتتە ئامېرىكا قانۇنلاشتۇرۇپ يولغا قويغان «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى»غا مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللارنى تونۇشتۇرغان.
كېڭەش يىغىندا سۆز قىلغان ئامېرىكا پارلامېنتى خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتىڭ باشلىقى پيېرو توزى شەرقىي تۈركىستاندىكى قاتتىق كونترولنىڭ ھەممىگە ئاشكارا ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭغا سۈكۈت قىلىش زۇلۇمغا شېرىك بولۇپ قېلىشقا سەۋەب بولىدىغانلىقىنى، بۇنىڭغا قارشى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ياردىمى ئۇنىڭغا شېرىك بولۇپ قىلىشتىن يىراق تۇرۇش ئىكەنلىكىنى، خىتاي بىلەن ئالاقە قىلغاندا ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتكە ئەھمىيەت بېرىپ، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە سەل قاراشقا بولمايدىغانلىقىنى، ئامېرىكا شەرقىي تۈركىستاندىكى مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنىنى ئىجرا قىلىۋاتقانلىقىنى، ئەمما بۇنىڭدا بەزى يوچۇقلارنىڭ ساقلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
يىغىندا يەنە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەر قايسى جەھەتلەردىن قاتتىق كىرىزىسقا دۇچ كەلگەنلىكى، خىتاي ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى چەكلەپلا قالماي، بەلكى ئىلغار تېخنىكىلىق نازارەتنى يولغا قويغانلىقى تىلغا ئېلىنغان.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ