كانادا خىتاينى تەكشۈرۈش جەريانىدا خاككېرلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى

كانادا تاشقى ئىشلار ئورگىنى خىتاينىڭ كانادادىكى سايلامغا ئارىلىشىش مەسىلىسىنى تەكشۈرۈش جەريانىدا خاككېرلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 31-يانۋاردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، كانادا خىتاينىڭ سايلامغا ئارىلىشىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈۋاتقان بىز مەزگىلدە، كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ تاشقى ئىشلار بۆلۈمىدە زور مىقداردا سانلىق مەلۇمات ئاشكارىلىنىپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن. ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلىرى رۇخسەتسىز زىيارەت قىلىنغان.

كانادانىڭ تاشقى ئىشلار ۋە سودا ئىشلىرىغا مەسئۇل ئورگان يەرشارى ئىشلىرى مىنىستىرلىقى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى كانادا ئەلچىخانىلىرى ۋە كونسۇلخانىلىرىنى باشقۇرىدىغان بولۇپ، مەزكۇر ئورگان سانلىق مەلۇماتنىڭ ئاشكارىلىنىش ۋەقەسىنىڭ قاچان يۈز بەرگەنلىكى ياكى ۋەقەنىڭ تەسىر كۆرسىتىش دەرىجىسىنى ئاشكارىلىمىغان.

كانادا تاراتقۇسى CBC خەۋەرلىرى ئىلگىرى نامەلۇم مەنبەلەرنى نەقىل كەلتۈرۈپ، بۇنىڭ بىر ئاي داۋاملاشقان سانلىق مەلۇمات بىخەتەرلىك ۋەقەسى ئىكەنلىكىنى، 2023-يىلى 20-دېكابىردىن 2024-يىلى 24-يانۋارغىچە ئىچكى سىستېمىدا يوچۇق بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. كانادا يەر شارى ئىشلىرى مىنىستىرلىقى 30-يانۋار بايانات ئېلان قىلىپ، يامان غەرەزلىك تور ھەرىكىتىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، 24-يانۋار ئۇچۇرلىشىش ئالاقىسىنى پىلاندىن سىرت ئۈزگەنلىكىنى ئېيتقان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، خاككېرنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان سىستېما خىزمەتچىلەرنىڭ يەر شارى ئىشلىرى مىنىستىرلىقىغا كىرىش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان، مەركىزى ئوتتاۋادا بولغان VPN تورى ئىكەن. بۇ قېتىملىق ھۇجۇمدا كەم دېگەندە ئىككى قاتتىق دىسكا بۇزۇلغان ۋە نۇرغۇن خىزمەتچىلەرنىڭ ئېلخەت، كالېندار ۋە ئالاقە خاتىرىسى تەسىرگە ئۇچرىغان.

مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە مەخپىي ئۇچۇرنىڭ ئاشكارىلانغان-ئاشكارىلانمىغانلىقى، ھۇجۇم ۋەقەسىنىڭ پەردە ئارقىسىدا كىملەرنىڭ بارلىقىمۇ ئېنىق ئەمەس ئىكەن. گەرچە سەزگۈر تاشقى ئىشلار تېلېگرافلىرى مەخپىيلەشتۈرۈلگەن سىستېما ئارقىلىق يوللانغان بولسىمۇ، ئەمما بىر خەۋەردار ئەربابنىڭ CBC خەۋەرلىرىگە ئېيتىشىچە، سەزگۈر خەت ۋە ئۇچۇرلارنىڭ بەزى نۇسخىلىرى تەسىرگە ئۇچرىغان قاتتىق دىسكىدا ساقلانغان بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

خىتاينىڭ تور ھۇجۇملىرى ئارقىلىق ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى سايلامغا قول تىقىش ئۇرۇنۇشلىرى يېقىنقى مەزگىللەردە ئالاھىدە كۈنتەرتىپكە كەلمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 2168 قېتىم كۆرۈلدى
01/02/2024 15:40:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق