خىتاي رېجىمى رەئىسى شى جىنپىڭ 30-يانۋار تالىبان ھۆكۈمىتى ۋە باشقا بىر قانچە دۆلەتتىن كەلگەن باش ئەلچىلەرنىڭ دۆلەت مەكتۇپىنى قوبۇل قىلغان بولۇپ، بۇ خىتاينىڭ تۇنجى قېتىم تالىبان ھۆكۈمىتىنى رەسمىي ئېتىراپ قىلىشى ھېسابلىنىدىكەن.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، شى جىنپىڭ تالىبان ھاكىمىيىتى ئاستىدىكى ئافغانىستان ئىسلام ئەمىرلىكى ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىلىك ۋەزىپىسىگە تەيىنلەنگەن بىلال كەرىمى، شۇنداقلا كۇبا، پاكىستان ۋە ئىران قاتارلىق 38 دۆلەتنىڭ باش ئەلچىلىرىنى خەلق سارىيىدا رەسمىي مۇراسىم ئارقىلىق قوبۇل قىلغان.
بىلدۈرۈلۈشىچە، تالىبان باياناتچىسى زەبىھۇللاھ مۇجاھىد سەيشەنبە كۈنى ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىسى X تا ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەتتە: «بىز كۆپ قۇتۇپلۇق دۇنيادا ياشىماقتىمىز» دېگەن. ئارقىدىن رۇسىيە، ئىران ۋە باشقا دۆلەتلەرنى كابۇل بىلەن بولغان ئىككى تەرەپلىك تاشقى ئىشلار مۇناسىۋەتنى ياخشىلاشقا ئوخشاش تەدبىرلەرنى قوللىنىشقا چاقىرغان.
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتە خەۋەر قىلىشىچە، شى جىنپىڭ يېڭى باش ئەلچىلەر بىلەن كۆرۈشكەندە، خىتاينىڭ بارلىق دۆلەتلىرى بىلەن چوڭقۇر دوستلۇق ۋە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان ھەمكارلىق ئورنىتىشنى خالايدىغانلىقىنى دەۋا قىلغان.
سابىق ئافغانىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە تۇرۇشلۇق سابىق باش ئەلچىسى جاۋىد ئەھمەدنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قېتىملىق قوبۇل قىلىش ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ تالىبان ھۆكۈمىتىنى رەسمىي ئېتىراپ قىلىشى ھېسابلىنىدىكەن.
جاۋىد ئەھمەد ئامېرىكا ئاۋازىغا: «سىگنال ئېنىق، ئەگەر تالىبان ھۆكۈمىتىنى ئېتىراپ قىلمىسا، خىتاي رەئىسى باش ئەلچىنى قوبۇل قىلمايتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە خىتاي رەئىسى تالىبان باش ئەلچىسىگە باشقا دۆلەتنىڭ باش ئەلچىلەرگە ئوخشاش مۇئامىلە قىلغان بولۇپ، بۇ ئېنىقلا ئېتىراپ قىلغانلىق» دېگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە خەلقئارادا خىتايدىن باشقا ھېچقانداق دۆلەت ئافغانىستان ئىسلام ئەمىرلىكىنى ئېتىراپ قىلمىغان بولۇپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تالىبان ھۆكۈمىتىنىڭ ب د ت غا ۋەكىل ئەۋەتىش تەلىپىنى كۆپ قېتىم رەت قىلغان. ئامېرىكا ۋە باشقا غەرب ئەللىرىمۇ ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي جازا ئىجرا قىلغاندىن باشقا، تالىبان ھۆكۈمىتىنى ئېتىراپ قىلمىغان.
يىللاردىن بېرى شەرقىي تۈركىستاندا مەسچىتلەرنى چېقىپ، قۇرئان كۆيدۈرۈپ، تېررور سىياسىتى ئىجرا قىلغان خىتاي ئىككى يۈزلىمىچىلىك بىلەن، ئىسلام ئەللىرىگە، شۇنداقلا ھېچقانداق دۆلەت ئېتىراپ قىلمىغان تالىبان ھۆكۈمىتىگە ياخشىچاق بولماقتا ۋە بۇ ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنماقتا.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ