ئامېرىكا خىتاي خاككېرلار تورىنى پالەچ ھالغا چۈشۈرۈپ قويدى

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بىر نەچچە ئايلىق ھەرىكەت نەتىجىسىدە، ئامېرىكىنىڭ مۇھىم ئۇل ئەسلىھەلىرىنى نىشان قىلغان خىتاي خاككېر تورىنى پالەچ ھالغا چۈشۈرۈپ قويدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى يېقىنقى ئايلاردا ئامېرىكىنىڭ مۇھىم ئۇل ئەسلىھەلىرىنى نىشان قىلغان خىتاي خاككېرلار گۇرۇپپىسىنىڭ ھۇجۇمىغا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىنى باشلىغان. بۇ خاككېرلىق گۇرۇپپىلىرى تورغا ئۇلانغان مىڭلىغان ئۈسكۈنىلەرگە مۇۋەپپەقىيەتلىك سىڭىپ كىرگەنىكەن.

بۇ ئىشتىن خەۋىرى بار مەنبەلەرنىڭ رويتېرس ئاگېنتلىقىغا ئېيتىشىچە، ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقى ۋە فېدېراتىپ تەكشۈرۈش ئىدارىسى قانۇنلۇق ھوقۇققا ئېرىشكەندىن كېيىن، خىتاي خاككېرلىرىنىڭ ھەرىكىتىنى يىراقتىن كونترول قىلىش ئارقىلىق، خاككېرلار تورىنى پالەچ ھالەتكە چۈشۈرگەن.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بايدېن ھۆكۈمىتى تور ھۇجۇمى مەسىلىسىگە بارغانسېرى دىققەت قىلىۋاتقان بولۇپ، چەت ئەللەرنىڭ بۇ يىل نويابىردا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئامېرىكا پىرىزىدېنتلىق سايلىمىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا ئۇرۇنۇشىدىن ئەندىشە قىلغان. بۇلاردىن سىرت، قاقتى-سوقتى قىلىش يۇمشاق دېتالى 2023-يىلى ئامېرىكا شىركەتلىرىگە ئېغىر زىيان سالغان.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، يېقىنقى مەزگىللەردىكى بىر قاتار خاككېرلىق ھەرىكەتلىرىگە «ۋولت تەيفېڭ بورىنى» دەپ ئاتالغان خاككېرلار گۇرۇپپىسى باشچىلىق قىلغان. بىخەتەرلىك خادىملىرىنىڭ قارىشىچە، خىتاي خاككېرلىرىنىڭ ئالاھىدە دىققەت تارتىشىدىكى سەۋەبلەردىن بىرى، خىتاينىڭ خاككېرلىق گۇرۇپپىسى غەربتىكى مۇھىم دۆلەتلىرىنىڭ مۇھىم ئۇل ئەسلىھەلىرىگە ھۇجۇم قىلىشنى مەقسەت قىلغان تېخىمۇ چوڭ ھەرىكەتنىڭ بىر قىسمى ئىكەن. ئۇلارنىڭ ھۇجۇم نىشانى ئاساسەن دېڭىز ئارمىيە پورتى، تور مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىگۈچى شىركەتلەر ۋە سۇ ۋە ئېلېكتىر سىستېمىسى قاتارلىق ئۇل ئەسلىھەلەر ئىكەن.

بۇ ئىشتىن خەۋەردار ئۈچ كىشىنىڭ ئېيتىشىچە، «ۋولت تەيفېڭ بورىنى» خاككېرلىق ھەرىكىتى 2023-يىلى مايدا تۇنجى قېتىم ئاشكارىلانغان، ئەمما بۇ بىر تۈركۈم خاككېرلار ئۆتكەن يىلنىڭ ئاخىرىدا ھەرىكەت دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، ئىشلىتىلگەن قىسمەن خاككېرلىق تېخنىكىسىنى ئۆزگەرتكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1472 قېتىم كۆرۈلدى
01/02/2024 15:37:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق