خىتاي ئاتالمىش «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى»نى قايتا تەكىتلىدى

خىتاي رېجىمى نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاندا ئېچىلىۋاتقان سىياسىي كېڭەش يىغىنىدا ئاتالمىش «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش»نى ئالاھىدە تەكىتلەش ئارقىلىق، شەرقىي تۈركىستاندا داۋاملىشىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى داۋاملىق ئىجرا قىلىدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلدى.

خىتاي تەشۋىقات ئورگىنى تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» پارتىيە كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى ما شىڭرۈي 29-يانۋار ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» سىياسىي كېڭەش 13-نۆۋەتلىك كومىتېتى 2-يىغىنىنىڭ مەدەنىيەت-سەنئەت ساھەسى ۋە ئاخبارات-نەشرىيات ساھەسى بىرلەشمە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇزاكىرە يىغىنىغا قاتناشقان.

ما شىڭرۈي يىغىندا يىللاردىن بېرى شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىپ كېلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق، ئاسسىمىلياتسىيە، ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلارغا قارشى تۇرۇش تېررور سىياسىتىنىڭ مەنبەسىنى تەكىتلەپ: «دىققەتنى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىن ئىبارەت ئاساسىي لىنىيەنى چىڭ كۆزلەپ، سىستېمىلىق پىلانلاپ، مۇھىم نۇقتىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك» دەپ بىلجىرلىغان.

ئارقىدىن مۇزاكىرە يىغىنىغا قاتناشقان ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش»نىڭ قورچاق رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىنمۇ ماشىڭرۈي تەكىتلىگەن خىتاينىڭ تېررور سىياسىتىنى قايتا تەكرارلىغان.

خىتاي ئىشغالىيەت تارىخىدىن باشلاپ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ھەرخىل باھانىلەر بىلەن باستۇرۇپ كەلگەن بولۇپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئوچۇق-ئاشكارا ھالدا ئاتالمىش «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش»، «جۇڭخۇا مەدەنىيىتىدىن ئوزۇقلاندۇرۇش» نامى ئاستىدا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزمەكتە. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، خىتاي مەدەنىيىتىنى مەجبۇرىي تېڭىش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىنى، مەدەنىيىتىنى بۇرمىلاش، ئۆزگەرتىش، يوقىتىش پىلانلىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ ئىجرا قىلماقتا.

خىتاي رېجىمى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكىنى ئۇنتۇلدۇرۇش، تارىخىنى بۇرمىلاش پىلانى بويىچە، ئاتالمىش «شىنجاڭ مۇزېي»نىڭ كۆلىمىنى ئەسلىدىكىدىن ئۈچ ھەسسىگە يېقىن كېڭەيتىپ سالغان. 2-قارارلىق يېڭى سارايدا ئاتالمىش «شىنجاڭ تارىخىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى كۆرگەزمىسى» يېڭىدىن تەسىس قىلىنغان. مەزكۇر كۆرگەزمىگە شەرقىي تۈركىستاننىڭ «ئەزەلدىن خىتاينىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكى»دەك بۇرمىلانغان تارىخنى ئوتتۇرىغا چىقىرىش مەقسەت قىلىنغان 1500 دىن ئارتۇق ئاتالمىش «مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى» قويۇلغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 2459 قېتىم كۆرۈلدى
01/02/2024 15:36:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق