شەرقىي تۈركىستاندىكى قالدۇق يەر تەۋرەش داۋام قىلماقتا

شەرقىي تۈركىستاندا يەر تەۋرەش داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، ئاقچى ناھىيەسى بىلەن ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدە يەنە يەر تەۋرىگەن.

خىتاي يەر تەۋرەشتىن مەلۇمات بېرىش تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 31-يانۋار ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 02:48 دا ئاتۇش شەھىرى ئاقچى ناھىيەسىدە (شىمالىي كەڭلىك 41.09 گىرادۇس، شەرقىي ئۇزۇنلۇق 78.6 گىرادۇس) 3.0 بال يەر تەۋرىگەن، تەۋرەش مەنبەسىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 10 كىلومېتىر بولغان.

31-يانۋار ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 11:13 تە ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدە (شىمالىي كەڭلىك 41.29 گىرادۇس، شەرقىي ئۇزۇنلۇق 78.77 گىرادۇس) 3.2 بال يەر تەۋرىگەن، تەۋرەش مەنبەسىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 15 كىلومېتىر بولغان.

1-فېۋرال ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 01:21 دە ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدە (شىمالىي كەڭلىك 41.31 گىرادۇس، شەرقىي ئۇزۇنلۇق 78.71 گىرادۇس) 3.9 بال يەر تەۋرىگەن، تەۋرەش مەنبەسىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 16 كىلومېتىر بولغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 2169 قېتىم كۆرۈلدى
01/02/2024 15:32:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق