ئاقچى ناھىيەسىدە يەنە كۈچلۈك يەر تەۋرىدى

شەرقىي تۈركىستاندا يەر تەۋرەش داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، ئاقچى ناھىيەسىدە يەنە كۈچلۈك يەر تەۋرىگەن.

خىتاي يەر تەۋرەشتىن مەلۇمات بېرىش تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 30-يانۋار ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 04:27 دا ئاقچى ناھىيەسىدە (شىمالىي كەڭلىك 41.15 گىرادۇس، شەرقىي ئۇزۇنلۇق 78.67 گىرادۇس) 5.7 بال يەر تەۋرىگەن، تەۋرەش مەنبەسىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 10 كىلومېتىر بولغان. ئاقسۇ، قىزىلسۇ، قەشقەر قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش ھېس قىلىنغان.

خىتاي يەر تەۋرەشتىن ئالدىن مەلۇمات بېرى تورىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، تەۋرەش مەركىزىنىڭ 20 كىلومېتىر دائىرىسى ئىچىدە يېزا-بازار يوق ئىكەن. تەۋرەش مەركىزىنىڭ 50 كىلومېتىر دائىرىسى ئىچىدە ئاقچى بازىرى ۋە سومتاش يېزىسىنى بار ئىكەن. يەر تەۋرەش مەركىزىنىڭ ئاقچى ناھىيەسى بىلەن بولغان ئارىلىقى 33 كىلومېتىر، ئۇچتۇرپان ناھىيەسى بىلەن بولغان ئارىلىقى 47 كىلومېتىر كېلىدىكەن.

خىتاي تەشۋىقات ئورگانلىرى ھازىرغىچە تالاپەتكە ئۇچرىغانلار ياكى ئۆي ئۆرۈلۈپ چۈشكەنلىك خەۋىرى كەلمىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 2832 قېتىم كۆرۈلدى
30/01/2024 12:24:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق