خىتاينىڭ ئىسلام دۇنياسىدىكى تەسىرىنى كۈچەيتىش ئۇرۇنۇشلىرى داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، خىتاي ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ ئۇچۇش ماھارىتى كۆرسىتىش ئەترىتى سەئۇدىغا يېتىپ بارغان.
خىتاي ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى شيې پېڭ بايانات ئېلان قىلىپ، 29-يانۋار چۈشتىن بۇرۇن خىتاي ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ «1-ئاۋغۇست» ئۇچۇش ماھارىتى كۆرسىتىش ئەترىتىدىكى «قىرغۇچى 10» ناملىق يەتتە ماھارەت كۆرسىتىش ئايروپىلانىنىڭ 4-فېۋرالدىن 8-فېۋرالغىچە ئۆتكۈزۈلىدىغان سەئۇدى ئەرەبىستان خەلقئارا مۇداپىئە كۆرگەزمىسىگە قاتنىشىش ۋە ئۇچۇش ماھارىتى كۆرسىتىش ئۈچۈن غەربىي شىمالدىكى مەلۇم ئايرودۇرۇمدىن سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ رىيادقا قاراپ ئۇچقانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇ خىتاي ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ تۇنجى قېتىم سەئۇدى ئەرەبىستانغا بېرىشى ھېسابلىنىدىكەن.
يېقىنقى يىللاردىن بېرى خىتاي رېجىمى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى، ئىسلام دىنى ۋە مۇسۇلمانلارغا قارىتىلغان تېررور سىياسىتىنى يوشۇرۇش، ئىنكار قىلىش ئۈچۈن، ھەرقايسى دۆلەتلەرگە، بولۇپمۇ ئەرەب ئەللىرىگە بولغان تەسىر دائىرىسىنى كېڭەيتىش ۋە ئىككى يۈزلىمىچىلىك ھەرىكەتلىرىنى كۈچەيتكەن. خىتاي بىر تەرەپتىن زور مەبلەغ ئاجرىتىپ، شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە يالغان تەشۋىقاتىنى كۈچەيتسە، يەنە بىر تەرەپتىن ئىسلام ئەللىرىدىكى ھەرقايسى جەمئىيەت ۋە ئورگانلارنى شەرقىي تۈركىستاندا ئالدىن تەييارلانغان ئورۇنلارنى زىيارەت قىلدۇرۇش، ئالاقىنى كۈچەيتىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ئالداشقا تىرىشماقتا.
تەييارلىغۇچى : ئابدۇخەبەر رەجەپ