دوكلات: بۇ يىل گېرمانىيە سودا ساھەسىدە ئامېرىكا خىتاينىڭ ئورنىنى ئېلىشى مۇمكىن

گېرمانىيە دائىرىلىرى يېڭى دوكلات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ 2024-يىلى خىتاينىڭ ئورنىنى ئېلىپ، گېرمانىيەنىڭ ئەڭ مۇھىم سودا ھەمراھى بولۇپ قېلىشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، گېرمانىيە فېدېراتىپ سودا ۋە مەبلەغ سېلىش ئورگىنى ئالدىنقى شەنبە يېڭى تەتقىقات دوكلاتى ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ گېرمانىيە بىلەن بولغان تاشقى سودىدىكى ئاساسلىق ئورنىنىڭ يىمىرىلىۋاتقانلىقىنى، گېرمانىيە-خىتاي سودىسىنىڭ ناچار بولۇشى ئاساسلىقى خىتاي ئىقتىسادىنىڭ ئاجىزلىقىدىن بولغانلىقىنى، خىتايدىكى ئۆي-مۈلۈك كىرىزىسى، ئامېرىكىغا مۇناسىۋەتلىك گېئوپولىتىكىلىق خەتەر ۋە خىتاي سانائەت مەبلىغىنىڭ ئاجىز بولۇشى قاتارلىقلارنىڭ بۇ خىل يۈزلىنىشكە سەۋەب بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

تەتقىقات دوكلاتىدا گېرمانىيە شىركەتلىرىنىڭمۇ خىتاي بازىرىغا بولغان ئىستراتېگىيەسىنى ئۆزگەرتكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، بىر تەرەپتىن گېرمانىيە سودىگەرلىرى مەھسۇلات سېتىۋېلىشتا خىتايدىن ئۆزىنى قاچۇرغان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن تېخىمۇ كۆپ شىركەتلەر دىققىتىنى يەرلىك بازارغا مەركەزلەشتۈرگەن. بۇ ئىككى ئامىل گېرمانىيە-خىتاي سودىسىنى ئاجىزلاشتۇرغان.

گېرمانىيە فېدېراتىپ سودا ۋە مەبلەغ سېلىش ئورگىنىنىڭ مۆلچەرىگە قارىغاندا، گېرمانىيەنىڭ خىتاي بىلەن بولغان ئىمپورت-ئېكسپورتى بۇلتۇرقىدىن %15 تۆۋەنلەپ، 254 مىليارد ياۋروغا چۈشۈپ قالغان. بۇنىڭغا سېلىشتۇرغاندا، ئامېرىكا ئىقتىسادى ھەيران قالارلىق دەرىجىدە تەرەققىي قىلغان. ئەگەر بۇ يۈزلىنىش 2024-يىلىمۇ داۋام قىلسا، ئامېرىكا خىتاينىڭ ئورنىنى ئىگىلەپ، گېرمانىيەنىڭ ئەڭ مۇھىم تاشقى سودا ھەمراھى بولۇپ قالىدىكەن.

بۇلتۇر گېرمانىيەنىڭ خىتايدىن ئىمپورت قىلىش نىسبىتى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىگەن بولۇپ، ئالدىنقى يىلغا سېلىشتۇرغاندا %19 ئازلىغان. خىمىيەلىك مەھسۇلاتلارنىڭ ئىمپورتى %70 ئازلىغان. ئۇنىڭدىن باشقا گېرمانىيە خىتايدىن ئۆي جاھازلىرى، توقۇمىچىلىق، كىيىم-كېچەك ۋە ئاياغلارنى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئاز ئىمپورت قىلغان.​​تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 2014 قېتىم كۆرۈلدى
30/01/2024 12:22:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق