خىتاي كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان ئىقتىساد ۋە نوپۇس خىرىسىغا دۇچ كەلمەكتە

خىتاينىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان ئىقتىساد ۋە نوپۇس خىرىسىغا دۇچ كەلگەنلىكى، بۇنىڭ 2024-يىلىمۇ داۋاملىشىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

جەنۇبىي خىتاي سەھەر پوچتىسىنىڭ 29-يانۋار خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي بۇ يىل ئىقتىسادنىڭ كۈچلۈك ۋە سىجىل ئېشىشىنى ساقلاشتا مىسلى كۆرۈلمىگەن خىرىسقا دۇچ كەلگەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدا دوكلات قىلىنغان 2023-يىللىق ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى ئوخشاش مەزگىلىدىكىگە قارىغاندا %5.2 ئاشقان. ئۇكرائىنادىكى ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئۇرۇشنىڭ تەسىرى ۋە پۇل پاخاللىقى يۇقىرى بولۇۋاتقان بىر دەۋرىدە، خىتايدا توكلۇق ماشىنا بازىرى ۋە ساياھەتچىلىكنىڭ ئەھۋالى ياخشى بولغان.

ئەمما مالىيە ئورگانلىرى ۋە ئانالىزچىلار خىتاينىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىغا ئىجابىي قارىمىغان. پەسىللىك ئىقتىسادىي ئەھۋالدىن قارىغاندا، خىتايدىكى ئېشىش سۈرئىتى تۆتىنچى پەسىلدە ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچنى يوقاتقان. شۇنىڭ بىلەن بىر بىرگە، باھا سەۋىيەسىمۇ ئەڭ تۆۋەن دەرىجىدە چۈشۈپ، پۇل پاخاللىقى بېسىمىنى ئاشۇرغان. نەتىجىدە خىتاي ئىقتىسادى ئۆتكەن يىلىنىڭ ئاخىرقى پەسلىدە ئېغىر دەرىجىدە تۆۋەنلەپ كەتكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1364 قېتىم كۆرۈلدى
30/01/2024 12:20:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق