رۇسىيە-خىتاي تەبىئىي گاز لىنىيەسى قۇرۇلۇشىنىڭ كېچىكتۈرۈلۈشى مۇمكىنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى

رۇسىيەدىن موڭغۇلىيە ئارقىلىق خىتايغا تۇتاشتۇرۇلماقچى بولغان تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولى قۇرۇلۇشىنىڭ پىلاندىكىدىن كېچىكتۈرۈلۈشى مۇمكىنلىكى بىلدۈرۈلدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 29-يانۋار خەۋەر قىلىشىچە، موڭغۇلىيە باش مىنىستىرى لۇۋساننامسراي ئويۇن ئەردەنە Luvsannamsrai Oyun-Erdene«پۇل-مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى»نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، رۇسىيەدىن موڭغۇلىيە ئارقىلىق خىتايغا تۇتاشتۇرماقچى بولغان «سىبىرىيە كۈچى 2» تۇرۇبا يولى قۇرۇلۇشىنىڭ ئەسلىدە بۇ يىل باشلاش پىلانلانغانلىقىنى، ئەمما نۆۋەتتە بۇ قۇرۇلۇشنىڭ كېچىكتۈرۈلۈشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، رۇسىيە ھۆكۈمىتى خىتايغا تۇتىشىدىغان يېڭى تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولى قۇرۇپ، رۇسىيەدە ئىشلەپچىقىرىلغان تەبىئىي گازنى رۇسىيەنىڭ شىمالىدىن موڭغۇلىيە ئارقىلىق خىتايغا توشۇشنى پىلانلاپ كەلگەن. پىلان بويىچە گاز يەتكۈزۈش مىقدارى يىلىغا تەخمىنەن 50 مىليارد كۇب مېتىر بولۇپ، رۇسىيە بىلەن ياۋروپا ئوتتۇرىسىدىكى «شىمالىي ئېقىن 1»گە باراۋەر ئىكەن. بالتىق دېڭىزىنىڭ ئاستىغا ياتقۇزۇلغان «شىمالىي ئېقىن 1» تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولى 2022-يىلى بومبا تاشلانغانلىقى سەۋەبلىك ئىشلىتىلىشتىن توختىغان.

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن 2022-يىلى 2-ئايدا ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىشقا بۇيرۇق چۈشۈرگەندىن بۇيان، ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى بىرلىشىپ، رۇسىيەگە كۆپ قېتىم ئېغىر ئىقتىسادىي جازا يۈرگۈزگەن. نەتىجىدە رۇسىيەنىڭ ئېنېرگىيە ئېكسپورتىغا قاتتىق چەكلىمە قويۇلغان بولۇپ، موسكۋا ھۆكۈمىتى ئۆز نۆۋىتىدە يەنە خىتاي، ھىندىستان قاتارلىق دۆلەتلەرگە ئېتىبار باھادا ئېنېرگىيە ئېكسپورتىنى ئاشۇرۇشقا مەجبۇر بولغان.

مەلۇم بولۇشىچە، رۇسىيە بىلەن خىتاي يېڭى تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولى قۇرۇش پىلانىنى مۇزاكىرە قىلىشقا باشلىغان بولۇپ، ئەسلىدە ياۋروپا دۆلەتلىرىگە ئېكسپورت قىلىنغان تەبىئىي گازنىڭ بىر قىسمىنى خىتايغا توشۇماقچى بولغان. موڭغۇلىيە باش مىنىستىرى لۇۋساننامسراي ئويۇن ئەردەنەنىڭ ئاشكارىلىشىچە، گەرچە خىتاي ۋە رۇسىيەنىڭ بۇ تۈرگە بولغان قىزىقىشى كۈچلۈك بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار ئالاقىدار بىر قىسىم تەپسىلاتلاردا كېلىشىم ھاسىل قىلالمىغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1450 قېتىم كۆرۈلدى
30/01/2024 12:18:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق