خىتاي بۇ يىللىق «ئىككى يىغىن»دا يېڭىچە كۆز بوياش ئۇسۇلىنى ئىشقا سالدى

ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش» 13-نۆۋەتلىك كومىتېتى 2-يىغىنى بۈگۈن ئاتالمىش «شىنجاڭ خەلق سارىيى»دا ئېچىلغان بولۇپ، خىتاي خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۆزىنى بوياش ئۈچۈن، تۇنجى قېتىم چەت ئەللىك ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ۋە چەت ئەللىك مېھمانلارنى يىغىنغا تەكلىپ قىلغان.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 14 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2- يىغىنى، ئاتالمىش «ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي» كېڭەش 13- نۆۋەتلىك كومىتېتى 2-يىغىنى ھەققىدە 28-يانۋار ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن.

ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» سىياسىي كېڭەشنىڭ قورچاق رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن 13-نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن 2023-يىللىق خىزمەت ئەھۋالىدىن دوكلات بەرگەن.

بۇ قېتىملىق يىغىندا خىتاي رېجىمى خەلقئارادا كۈچلۈك كۈنتەرتىپكە كەلگەن، شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن، بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرىنى، خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرىنى، چەت ئەلدا ياشاۋاتقان خىتايلارنى ۋە خوڭكوڭلۇق، ئاۋمېنلىقلارنى ئېچىلىش يىغىنىغا قاتناشتۇرغان.

ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» 14-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2-يىغىنىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى مەريەم ئىسمائىل، ئاتالمىش «سىياسىي كېڭەش ئاپتونوم رايونلۇق» 13-نۆۋەتلىك كومىتېتى 2- يىغىنىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى جاڭ شۈ قاتارلىقلار ئايرىم-ئايرىم ھالدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىگە پۈتۈنلەي زىت بولغان توقۇلما بايانلار بىلەن خىتاي سىياسىتىنى تونۇشتۇرغان.

بۇ قېتىمقى ئىككى يىغىندا ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» تاشقى ئىشلار ئىشخانىسى تۇنجى قېتىم شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر، كۆزەتكۈچى دۆلەتلەر، سۆھبەتلەشكۈچى ھەمراھ دۆلەتلەرنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانا ئەمەلدارلىرىنى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى كاتىبات باشقارمىسى، ئوتتۇرا ئاسىيا رايون ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ئىنىستىتۇتى قاتارلىق خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرىنى يىغىننى سىرتتىن ئاڭلاشقا تەكلىپ قىلغان.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى خەلقئارا جەمئىيەتتىن يوشۇرۇش ئۈچۈن، بارلىق ئالدامچىلىق، كۆز بويامچىلىق چارىلىرىنى ئىشقا سالغانلىقىنى، يېقىنقى يىللاردىن بېرى ھەرقايسى ۋىلايەت، شەھەرلەرگە كۆپلىگەن ساياھەت رايونلىرىنى تەسس قىلىپ، شەرقىي تۈركىستاننى گۈزەل ساياھەت رايونى قىلىپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇنغانلىقىنى، ساياھەتچىلەرنى ساياھەت رايونلىرىدىلا ساياھەت قىلدۇرۇپ، باشقا رايونلارغا بېرىشقا رۇخسەت قىلمىغانلىقىنى، بۇ قېتىمقى ئىككى يىغىندا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۆزىنى بوياش ئۈچۈن، چەت ئەل مۇخبىرلىرى ۋە خىتايغا يېقىن دۆلەتلەرنىڭ ئەلچىخانا ئەمەلدارلىرىنى مەخسۇس تەكلىپ قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 2875 قېتىم كۆرۈلدى
29/01/2024 14:22:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق