كانادا يېقىنقى ئىككى قېتىملىق سايلامغا خىتاي ۋە باشقا دۆلەتلەرنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە ئارىلاشقانلىقىنى ئېنىقلىماقچى بولغان بولۇپ، بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن رەسمىي كومىتېت تەشكىللىگەن.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 27-يانۋار خەۋەر قىلىشىچە، مارىي-جوسې ھوگ ئىسىملىك سوتچى مەزكۇر تەكشۈرۈش كومىتېتىغا رەھبەرلىك قىلىدىغان بولۇپ، كومىتېت يېقىنقى فېدېراتىپ سايلىمىغا تەسىر كۆرسىتىشكە ئۇرۇنغان خىتاي، رۇسىيە ۋە ھىندىستان قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئەڭ يېڭى ھەرىكەتلىرىنى تەكشۈرۈپ چىقىدىكەن.
مەزكۇر كومىتېتتىن 3-مايغىچە دەسلەپكى دوكلاتنى سۇنۇپ بولۇش، يىل ئاخىرىغىچە دوكلاتنىڭ ئاخىرقى نۇسخىسىنى پۈتتۈرۈپ بولۇش تەلەپ قىلىنغان.
بىلدۈرۈلۈشىچە، بۇلتۇر باش مىنىستىر جاستىن تىرۇدو بۇ ھەقتە سىياسىي ساھەنىڭ كۈچلۈك بېسىمىغا ئۇچرىغان بولۇپ، سايلامغا ئارىلىشىش مەسىلىسىنى ئاشكارا تەكشۈرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ