خىتاي تەيۋەنگە ھەربىي بېسىمنى كۈچەيتمەكتە

خىتاي ئامېرىكا پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ تەيۋەن زىيارىتىدىن كېيىنلا، تەيۋەنگە قاراتقان ھەربىي بېسىمنى كۈچەيتكەن.

گېرمانىيە ئاۋازىنىڭ 27-يانۋار خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي تەيۋەنگە 33 كۈرەشچى ئايروپىلان ۋە ئالتە دېڭىز پاراخوتى ئەۋەتكەن بولۇپ، بۇ، تەيۋەندە پىرېزىدېنتلىق سايلىمى ئۆتكۈزۈلگەندىن بۇيان خىتاينىڭ ئەڭ كۆپ كۈرەشچى ئايروپىلان ئەۋەتىشى ئىكەن. خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتى ئامېرىكىنىڭ ئىككى پارلامېنت ئەزاسىنىڭ تەيۋەن زىيارىتىدىن كېيىن، شۇنداقلا ئامېرىكا بىلەن خىتاي يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنىڭ باڭكوكتا ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنى مۇزاكىرە قىلىشىدىن بۇرۇن باشلانغان.

خىتاي يىللاردىن بۇيان تەيۋەننى ئۆز زېمىنى دەپ داۋا قىلىپ كەلمەكتە. ھالبۇكى، 1979-يىلدىكى تەيۋەن مۇناسىۋىتى قانۇنىغا ئاساسەن، ئامېرىكىنىڭ قانۇنلۇق ھالدا تەيۋەننىڭ مۇداپىئە ئىقتىدارىنى قوللاش مەجبۇرىيىتى بار ئىكەن.

تەييارلىغۇچى : ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1724 قېتىم كۆرۈلدى
29/01/2024 14:20:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق