ياپونىيە چارلاش پاراخوتى ئەۋەتىپ، سىنكاكۇ ئارىلىنى قوغداشنى پىلانلىدى

خىتاي دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت پاراخوتى ياپونىيەنىڭ بېلىقچىلىق كېمىسىگە يېقىنلاشقان بولۇپ، ياپونىيە ئەڭ يېڭى چارلاش پاراخوتىنى ئەۋەتىپ، سىنكاكو ئارىلىنى قوغدىماقچى بولغان.

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ياپونىيە 11-رايون دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت باش ئىشتابى 27-يانۋار چۈشتە خىتاي دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت ئەترىتىنىڭ 1301 ۋە 1401 نومۇرلۇق ئىككى پاراخوتىنىڭ سېنكاكۇ ئارىلى، ئۇتسياۋ ئارىلى ۋە مىنامىكوجىما ئارىلى ئەتراپىدىكى ياپونىيە تەۋەلىكىگە بېسىپ كىرگەن ۋە ياپونىيەنىڭ بېلىقچىلىق كېمىسىگە يېقىنلاشقان.

ياپونىيە 11-رايون دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت باش ئىشتابىنىڭ كۆرسىتىشىچە، خىتاينىڭ باشقا ئىككى ھۆكۈمەت پاراخوتىنىڭمۇ ياپونىيە زېمىنىنىڭ سىرتىغا تۇتاش رايوندا پەيدا بولغانلىقى جەزملەشتۈرۈلگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ بىرىگە ئاپتومات ئورنىتىلغان. بۇ خىتاي پاراخوتلىرىنىڭ ياپونىيەنىڭ دېڭىز تەۋەلىكى ۋە ئۇنىڭغا قوشنا رايونلاردا ئۇدا 37-قېتىم ھەرىكەت قىلىشى ئىكەن.

ئالاقىدار ئەمەلدارلار 25-يانۋار ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، 11-رايون دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت باش ئىشتابىنىڭ سېنكاكۇ ئارىلىنىڭ بىخەتەرلىكىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، 22-فېۋرالدىن باشلاپ ئەڭ يېڭى ئىككى قوغلىغۇچى پاراخوت ئورۇنلاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

تەييارلىغۇچى : ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1474 قېتىم كۆرۈلدى
29/01/2024 14:19:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق