شەرقىي تۈركىستاندىكى قالدۇق يەر تەۋرەش داۋام قىلماقتا

شەرقىي تۈركىستاندىكى قالدۇق يەر تەۋرەش داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، ئاقچى ناھىيەسىدە يەنە بىر نەچچە قېتىم قالدۇق يەر تەۋرىگەن.

خىتاي يەر تەۋرەشتىن مەلۇمات بېرىش تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 28-يانۋار ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 15:52 دا ئاتۇش شەھىرىنىڭ ئاقچى ناھىيەسىدە (شىمالىي كەڭلىك 41.16 گىرادۇس، شەرقىي ئۇزۇنلۇق 78.52 گىرادۇس) 3.9 بال يەر تەۋرىگەن. تەۋرەش مەركىزى چوڭقۇرلۇقىنىڭ 13 كىلومېتىر ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان.

28-يانۋار ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 16:07 دە، ئاقسۇ ۋىلايىتى باي ناھىيەسىدە (شىمالىي كەڭلىك 42.17 گىرادۇس، شەرقىي ئۇزۇنلۇق 80.74 گىرادۇس) 3.1 بال يەر تەۋرىگەن. تەۋرەش مەركىزى چوڭقۇرلۇقىنىڭ 10 كىلومېتىر ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان.

ئۇندىن باشقا 29-يانۋار ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 10:05 دە ئاقچى ناھىيەسىدە (شىمالىي كەڭلىك 41.12 گىرادۇس، شەرقىي ئۇزۇنلۇق 78.60 گىرادۇس) 3.2 بال يەر تەۋرىگەن. تەۋرەش مەنبەسىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 11 كىلومېتىر بولغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 2526 قېتىم كۆرۈلدى
29/01/2024 14:17:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق