گوللاندىيە بىلەن ئامېرىكا بۇلتۇر مەخپىي كېلىشىم تۈزۈپ، ASML شىركىتىنىڭ خىتايغا ئۆزەك ئىشلەپچىقىرىش ئۈسكۈنىسى سېتىشىنى چەكلىگەن بولسىمۇ، ئەمما شىركەتنىڭ خىتاينى مال بىلەن تەمىنلەش مىقدارى شىددەت بىلەن ئاشقان.
ياپونىيە ۋاقىت گېزىتىنىڭ 26-يانۋار خەۋەر قىلىشىچە، بۇلتۇر ئامېرىكا بىلەن گوللاندىيە مەخپىي كېلىشىم ھاسىل قىلىپ، دۇنيادىكى ئەڭ ئىلغار ئۆزەك ياساش ئۈسكۈنىسى ئىشلەپچىقارغۇچى شىركەت ASML نىڭ ئۈسكۈنىلىرىنى خىتايغا يەتكۈزۈشىنى چەكلىگەن. ئەمما بۇ كېلىشىم ASML شىركىتىنىڭ ئىلغار ئۈسكۈنىلىرىنىڭ خىتايغا سېتىلىشىنى توسۇپ قالالمىغان. بۇ مەسىلىدە گوللاندىيە ھۆكۈمىتى تېخىمۇ كۆپ ئۈسكۈنىلەرنىڭ خىتايغا يۆتكىلىشىگە يېشىل چىراغ يېقىپ بەرگەن.
بىلدۈرۈلۈشىچە، مەخپىي كېلىشىم ئەينى ۋاقىتتا ئومۇميۈزلۈك ئېكسپورت چەكلىمىسى كۈچكە ئىگە بولۇشتىن بۇرۇنقى ۋاقىتلىق تەدبىر سۈپىتىدە يولغا قويۇلغانىكەن.
ASML شىركىتى لوبىچىلىق ۋاسىتىسى بىلەن ھۆكۈمەتنى قايىل قىلىپ، خىتايغا ئىلغار ئۈسكۈنە ئېكسپورت قىلىش ئىجازەتنامىسىگە ئېرىشكەن. نەتىجىدە بۇلتۇر خىتاي ASML شىركىتىنىڭ ئەڭ چوڭ بازىرىغا ئايلانغان.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ