خىتاي بىيوتېخنىكا شىركەتلىرىنى چەكلەش قانۇن تەكلىپى سۇنۇلدى

 

ئامېرىكا پارلامېنت ئەزالىرى خىتاي بىيوتېخنىكا شىركەتلىرى بىلەن توختام تۈزۈشنى چەكلەش ھەققىدە قانۇن لايىھەسى سۇنغان بولۇپ، بۇنىڭ تەسىرىدە خىتاي بىيوتېخنىكا شىركەتلىرىنىڭ پاي چېكى زور دەرىجىدە چۈشۈپ كەتكەن.

بىلۇمبېرگنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 25-يانۋار ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى ئەزالىرىدىن مايك گالاگېر ۋە راجا كىرىشنامۇرتى بىرلىكتە قانۇن لايىھەسى سۇنۇپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي بىيوتېخنىكا ھەربىي ئەسلىھەلىرى شىركەتلىرى بىلەن سودا ئالاقىسىنى چەكلەشنى تەلەپ قىلغان.

بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى خىتاي بىيوتېخنىكا شىركەتلىرىنىڭ خىتاي ئارمىيەسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ھەققىدىكى ئەندىشىلەر ئىكەن. مەزكۇر قانۇن لايىھەسىدە بېيجىڭ خۇادا گېن تېخنىكا گۇرۇھى (BGI) ۋە ياۋمىڭ كاڭدې شىركىتى قاتارلىق ئورۇنلار ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، بۇ ئورگانلار خىتاي ئارمىيەسىگە چېتىشلىق ئورگانلار بىلەن ھەمكارلىشىش ۋە ئامېرىكا پۇقرالىرىنىڭ گېن ئۇچۇرلىرىنىڭ چەت ئەلدىكى رەقىب دۆلەتلەرگە يۆتكىلىشىگە قولايلىق شارائىت يارىتىپ بېرىش بىلەن ئەيىبلەنگەن.

قانۇن لايىھەسى ھەققىدىكى خەۋەر ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، جۈمە كۈنى خىتاي بىيوتېخنىكا شىركەتلىرىنىڭ پاي چېكى زور دەرىجىدە چۈشۈپ كەتكەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، بۇ ھەرىكەت ئامېرىكىنىڭ خىتاي شىركەتلىرىگە قارىتىلغان تېخنىكا چەكلىشىنىڭ كەسكىنلىشىشىگە باشلىغانلىقىنىڭ نامايەندىسى بولۇپ، ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ بىيوتېخنىكا كەسپىگە مۇھىم تەسىر كۆرسىتىدىكەن.

تەييارلىغۇچى : ئابدۇخەبەر رەجەپ

 

بۇ خەۋەر 1124 قېتىم كۆرۈلدى
29/01/2024 09:47:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق