شەرقىي تۈركىستاندىكى قالدۇق يەر تەۋرەش داۋام قىلماقتا

شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدە قالدۇق يەر تەۋرەش داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، بۈگۈن ئۇچتۇرپان ناھىيەسى بىلەن ئاقچى ناھىيەسىدە يەنە قالدۇق يەر تەۋرىگەن.

خىتاي يەر تەۋرەشتىن مەلۇمات بېرىش تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 26-يانۋار ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 02:01 دا ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدە (شىمالىي كەڭلىك 41.29 گىرادۇس، شەرقىي ئۇزۇنلۇق 78.83 گىرادۇس) 5.6 بال يەر تەۋرىگەن. تەۋرەش مەركىزى چوڭقۇرلۇقىنىڭ 18 كىلومېتىر ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان.

26-يانۋار ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 07:55 مىنۇت ئۆتكەندە، ئاقچى ناھىيەسىدە (شىمالىي كەڭلىك 41.12 گىرادۇس، شەرقىي ئۇزۇنلۇق 78.56 گىرادۇس) 4.0 بال يەر تەۋرىگەن. تەۋرەش مەركىزى چوڭقۇرلۇقىنىڭ 13 كىلومېتىر ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان.

خىتاينىڭ ئېلان قىلىشىچە، 26-يانۋار ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 6:00 گىچە، جەمئىي 4216 قېتىم قالدۇق يەر تەۋرەش خاتىرىلەنگەن. بۇنىڭ ئىچىدە 3.0 بالدىن تۆۋەن يەر تەۋرەش 4067 قېتىم، 3.0 بال ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى يەر تەۋرەش 149 قېتىم، 4.9 ~ 4.0 بال يەر تەۋرەش 21 قېتىم، 5.9 ~ 5.0 بال يەر تەۋرەش يەتتە قېتىم بولغان. نۆۋەتتە ئەڭ چوڭ قالدۇق يەر تەۋرەش 5.7 بال بولۇپ، ئاساسىي تەۋرەش مەركىزىگە تەخمىنەن 22 كىلومېتىر كېلىدىكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 5121 قېتىم كۆرۈلدى
26/01/2024 21:37:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق