ئامېرىكا پارلامېنت ۋەكىللەر ئۆمىكى تەيۋەننى زىيارەت قىلدى

تەيۋەندىكى پىرېزىدېنتلىق سايلىمىدىن كېيىن، ئامېرىكا پارلامېنتىنىڭ تۇنجى ۋەكىللەر ئۆمىكى خىتاينىڭ پۈتۈن كۈچى بىلەن قارشى تۇرۇشىغا قارىماي تەيۋەنگە يېتىپ كېلىپ، خىتاي كوممۇنىست رېجىمىنى قاتتىق بىئارام قىلدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تەيۋەندە ئۆتكۈزۈلگەن پىرېزىدېنتلىق سايلىمىدىن كېيىن، تۇنجى قېتىم ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ئۇرۇش پاراخوتى 24-يانۋار تەيۋەن بوغۇزىدىن ئۆتكەن بولۇپ، ئامېرىكىنىڭ بۇ ھەرىكىتى خىتاينىڭ غەزىپىنى قوزغىغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ پارتىيە ھالقىغان ۋەكىللەر ئۆمىكىمۇ تەيۋەننى زىيارەت قىلىپ، سايلامدىن كېيىن تەيۋەننى قوللايدىغانلىقىنى نامايان قىلغان.

ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ، ئارلېي بۇرك دەرىجىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سەپلەنگەن قوغلىغۇچى پاراخوت «USS John Finn»نىڭ ھېچقانداق دۆلەتكە تەۋە بولمىغان تەيۋەن بوغۇزىدىن ئۆتكەنلىكىنى ئېلان قىلغان.

ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى باياناتىدا: «USS John Finn نىڭ تەيۋەن بوغۇزىدىن ئۆتۈشى ئامېرىكىنىڭ بارلىق دۆلەتلەرنىڭ خەلقئارا سۇدا يول يۈرۈش ئەركىنلىكى پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ھەرقانداق بىر ئەزاسى قورقۇتۇش ئارقىلىق ھوقۇقىدىن ۋە ئەركىنلىكىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلانماسلىقى كېرەك» دېگەن.

خىتاي ئارمىيەسى پەيشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، «USS John Finn»نىڭ تەيۋەن بوغۇزىدىن ئۆتۈشىنىڭ ئىغۋاگەرچىلىك ئىكەنلىكىنى، خىتاي ئارمىيەسىنىڭ شەرقىي قىسىم جەڭ قىلىش ئەترىتى قوماندانلىق ئىشتابى ئەسكەر تەشكىللەپ، ئامېرىكا پاراخوتىنىڭ پۈتكۈل ھەرىكەت جەريانىنى نازارەت قىلىدىغانلىقىنى دەۋا قىلغان.

تەيۋەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئامېرىكىنىڭ ئۇرۇش پاراخوتىنىڭ شىمالدىن جەنۇبقا قاراپ تەيۋەن بوغۇزىدىن ئۆتكەنلىكىنى، پاراخوتنىڭ تەيۋەن بوغۇزىدىن ئۆتكەن پۈتكۈل جەرياننى بىلىپ تۇرغانلىقىنى، ئەتراپتىكى دېڭىز ۋە ھاۋا بوشلۇقىدىكى ئەھۋاللارنىڭ نورمال ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 4194 قېتىم كۆرۈلدى
26/01/2024 21:32:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق