خىتاي ئىنسان ھەقلىرى ھەققىدە يېڭى ئاق تاشلىق كىتاب ئېلان قىلىپ جىنايەتلىرىنى پەردازلىدى

خىتاي يېڭىدىن ئاتالمىش «خىتاينىڭ تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش قانۇن-تۈزۈم سىستېمىسى ۋە ئەمەلىيىتى» ناملىق ئاق تاشلىق كىتاب ئېلان قىلىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۆزىنى بوياشقا ئۇرۇندى.

خىتاي تەشۋىقات ئورگىنى شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي رېجىمى ئاخبارات ئىشخانىسى 23-يانۋار يېڭىدىن ئاتالمىش «خىتاينىڭ تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش قانۇن-تۈزۈم سىستېمىسى ۋە ئەمەلىيىتى» ناملىق ئاق تاشلىق كىتابنى ئېلان قىلغان. خىتاي يېقىنقى يىللار ئىچىدە شەرقىي تۈركىستانغا ئالاقىدار بىر نەچچە «ئاق تاشلىق كىتاب» ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇ قېتىملىقى ب د ت ئىنسان ھەقلىرى كومىتېتىنىڭ خىتايغا ئالاقىدار يىغىنى ئېچىلىۋاتقان مەزگىلگە توغرا كەلگەن.

خىتاي رېجىمى بۇ قېتىممۇ يالغان سانلىق مەلۇماتلار ئارقىلىق كۆز بوياشقا ئۇرۇنغان بولۇپ، بۇندىن ئىلگىرى مۇتەخەسسىسلەر خىتاينىڭ سانلىق مەلۇماتلارنى بۇرمىلاپ چۈشەندۈرۈش، يوشۇرۇش ئارقىلىق كۆز بويامچىلىق قىلىشقا ئۇرۇنغانلىقىنى كۆپ قېتىم تەنقىد قىلغانىدى.

خىتاي ئاق تاشلىق كىتابتا شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنىڭ ئەكسىچە بىلجىرلاپ، «قانۇن بويىچە تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، بىر تەرەپتىن پۇقرالار ۋە تەشكىلاتلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداپ، رايون، مىللەت، دىن قاتارلىقلارنى ئاساس قىلغان ھەرقانداق كەمسىتىش خاراكتېرلىك ئۇسۇللارنى چەكلىگەنلىكى، تېررورىزمنىڭ تارقىلىشى، يامرىشىنى ئۈنۈملۈك توسۇپ، پۇقرالارنىڭ ھاياتلىق ھوقۇقى، ساغلاملىق ھوقۇقى، مال-مۈلۈك ھوقۇقىغا ئەڭ زور چەكتە كاپالەتلىك قىلىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغدىغانلىقى» قاتارلىق سەپسەتىلەر تىلغا ئېلىنغان.

ئاق تاشلىق كىتابتا يەنە شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىنىۋاتقان كەڭ كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىش، تۇتقۇن قىلىنغانلارنى ئائىلە ئەزالىرى بىلەن قوشۇپ جازالاش، تۈرمىدە قىيىن–قىستاققا ئېلىش قاتارلىق خەلقئارا جەمئىيەت دىققەت قىلىۋاتقان مەسىلىلەر ئىشارەت قىلىنغان ھالدا «دېلولارنى بېجىرىش جەريانىدا ھەم پۇقرالارنىڭ ئاساسىي ھوقۇقىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە جەمئىيەتنىڭ نورمال تەرتىپىنى قوغداشقا ئەھمىيەت بەرگەنلىكى، شۇنىڭدەك گۇماندارلار، جاۋابكارلار ۋە جىنايەتچىلەرنىڭ جىسمانىي ئەركىنلىكى، ئىنسانىي ئىززىتى، ئاقلاش ھوقۇقى ۋە ئۆز مىللىتىنىڭ تىل-يېزىقى بىلەن دەۋا قىلىش ھوقۇقىنى كاپالەتلەندۈرگەنلىكى» قاتارلىق نومۇسسىز بايانلار ئورۇن ئالغان.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاي رېجىمىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى سەۋەبلىك خەلقئارا جەمئىيەتتە قاتتىق بېسىمغا دۇچ كەلگەنلىكىنى، بۇنىڭغا ئەگىشىپ ساختا تەشۋىقاتىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، جىنايەتلىرىنى يوشۇرۇشقا، ئىنكار قىلىشقا ئۇرۇنغانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 4816 قېتىم كۆرۈلدى
26/01/2024 21:28:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق