ئۇچتۇرپان ۋە ئاقچىدا داۋاملىق قالدۇق يەر تەۋرىمەكتە

23-يانۋار يېرىم كېچىدە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدە 7.1 بال يەر تەۋرىگەندىن كېيىن، قالدۇق يەر تەۋرەش داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، 25-يانۋار ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 6:00 گىچە جەمئىي 2708 قېتىم قالدۇق يەر تەۋرىگەن.

خىتاي يەر تەۋرەشنى كۆزىتىش ئىستانسىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 24- يانۋار ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 2 تىن 38 مىنۇت ئۆتكەندە، ئاقچى ناھىيەسىدە (شىمالىي كەڭلىك 41.06 گىرادۇس، شەرقىي ئۇزۇنلۇق 78.65 گىرادۇس) 5.7 بال يەر تەۋرىگەن. تەۋرەش مەنبەسى چوڭقۇرلۇقىنىڭ 10 كىلومېتىر ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان.

خىتاي ئىلگىرىكىدەك تەۋرەشتە كېلىپ چىققان ئۆلۈش-يارىلىنىش، ئۆيلەرنىڭ ئۆرۈلۈش ئەھۋالى ھەققىدە تەپسىلىي ئۇچۇر بەرمىگەن.

ئۇندىن باشقا ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدە 7.1 بال يەر تەۋرىگەندىن كېيىن، 25-يانۋار ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 6:00 گىچە جەمئىي 2708 قېتىم قالدۇق يەر تەۋرىگەن. ئالدىنقى كۈندىكىدىن 1604 قېتىم قالدۇق يەر تەۋرەش كۆپ يۈزبەرگەن.

بۇنىڭ ئىچىدە 3.0 بالدىن تۆۋەن يەر تەۋرەش 2579 قېتىم، 3.9 ~ 3.0 بال يەر تەۋرەش 105 قېتىم، 4.9 ~ 4.0 بال يەر تەۋرەش 18 قېتىم، 5.9 ~ 5.0 بال يەر تەۋرەش ئالتە قېتىم بولغان، 6.0 بال ھەم ئۇنىڭدىن يۇقىرى يەر تەۋرەش يۈز بەرمىگەن. نۆۋەتتە خاتىرىلەنگەن ئەڭ چوڭ قالدۇق يەر تەۋرەش 5.7 بال بولۇپ، ئاساسىي تەۋرەش مەركىزىگە 22 كىلومېتىر كېلىدىكەن.

خىتاي تەشۋىقات ئورگانلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يەر تەۋرەشتە جەمئىي 851 ئۆي ئوخشىمىغان دەرىجىدە بۇزۇلغان. يەر تەۋرەش مەركىزىگە يېقىن بولغان چارۋىچىلىق رايونلىرىدا ياسالغان 93 ئاددىي ئۆي ۋە قوتان ئۆرۈلۈپ كەتكەن بولۇپ، 910 دىن ئارتۇق چارۋا مال ئۆلگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 8752 قېتىم كۆرۈلدى
25/01/2024 14:57:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق