خىتاينىڭ جياڭشى ئۆلكىسىدە ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەن بولۇپ، 39 خىتاي ئۆلۈپ، توققۇز خىتاي يارىلانغان.
خىتاي مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 24-يانۋار شۇ جاي ۋاقتى سائەت 15:30 ئەتراپىدا، جياڭشى ئۆلكىسى شىنيۈ شەھىرى يۈشۈي رايونىدىكى بىر كوچىدىكى دۇكاندا ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەن. ھازىرغا قەدەر بۇ ئاپەتتە 39 خىتاي ئۆلۈپ توققۇز خىتاي يارىلانغان. بىر نەچچە خىتاي يەنىلا ئاپەت رايونى ئىچىدە قاپسىلىپ قالغان.
بىلدۈرۈلۈشىچە، ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەن بىنانىڭ ئاستىدا تورخانا ۋە ئۈستۈنكى قەۋەتتە بىر تەربىيەلەش ئورنى بار ئىكەن. نۆۋەتتە يەرلىك دائىرىلەر ھادىسىنىڭ كېلىپ چىقىش ئەھۋالنى تەكشۈرۈشكە باشلىغان.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ