ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاينىڭ مەبلىغىنى قاتتىق تەكشۈرۈش پىلانى تۈزدى

ياۋروپا  ئىتتىپاقى كومىتېتى 24-يانۋار قارار ماقۇللاپ، چەت ئەل مەبلىغىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ، خىتاي قاتارلىق رىقابەتچىلەرگە قارىتا ئېكسپورت ۋە تېخنىكىنىڭ سىرتقا چىقىپ كېتىشىگە كونتروللۇقنى كۈچەيتىشنى تەكىتلىگەن. بولۇپمۇ خىتاينىڭ ئىقتىسادىي مەجبۇرلىشىغا قارشى تۇرۇشنى پىلانلىغان.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىجرائىيە ئورگىنى كەڭ دائىرىلىك ئىستراتېگىيەلىك ھۆججەت ۋە چەت ئەل مەبلىغىنى تەكشۈرۈش قانۇنىغا قارىتا ئۆزگەرتىش لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويغان. تۈزىتىش لايىھەسىدە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بارلىق دۆلەتلەرنىڭ چەت ئەل مەبلىغىنى تەكشۈرۈش ۋە بۇ مەبلەغلەرنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا بىخەتەرلىك خەۋپى ئېلىپ كېلىدىغان-كەلمەيدىغانلىقىنى ئاساس قىلىپ، ئۇلارنى توسۇش قاتارلىق مۇۋاپىق تەدبىرلەرنى قوللىنىش تەلەپ قىلىنغان.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئالاقىدار ھۆججەتنىڭ تېكىستىگە ئاساسەن، مەبلەغ سېلىشنى تەكشۈرۈش دائىرىسى ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى بارلىق چەت ئەللىكلەر، جۈملىدىن ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى چەت ئەل شىركەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان چەت ئەلنىڭ مەبلەغ سېلىش تۈرلىرىگە كېڭەيتىلىدىكەن.

بىلۇمبېرگ ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقى يەنە مەبلەغ تەسىس قىلىپ، ھەربىي ساھەسى بىلەن پۇقرالار قوش قوللىنىدىغان تېخنىكىنىڭ تەرەققىياتىنى كۈچەيتىشنى پىلانلىغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھۆججىتىدە ھېچقانداق دۆلەتنىڭ ئىسمى تىلغا ئېلىنمىغان بولۇپ، ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىشەنچلىك شېرىكلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، خەتەرنى ئازايتىشنى تەكىتلىگەن. بۇ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتاي ئىقتىسادىغا تايىنىشنى ئازايتىشتىكى ئاساسلىق سىياسىتى ئىكەن. خىتاي نۆۋەتتە يېشىل تېخنىكا ۋە مۇھىم قېزىلما بايلىقلارنى ئىشلەپچىقىرىشتا ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن، ئەمما خىتاي بىلەن روۇسىيەنىڭ قويۇق مۇناسىۋىتى سەۋەبىدىن، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتايغا بولغان گۇمانى ۋە ئەندىشىسى تېخىمۇ كۈچەيگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 7943 قېتىم كۆرۈلدى
25/01/2024 14:55:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق